تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

9100دىن كۆپرەك مەمۇرىي كەنتنىڭ كەنت قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى

ئاپتونوم رايونىمىز كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى

9100دىن كۆپرەك مەمۇرىي كەنتنىڭ كەنت قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ 7- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ياز پەسىللىك جېڭىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە ياخشى ئىلگىرىلەش بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 9100دىن كۆپرەك مەمۇرىي كەنت دېھقانلار ئۆزلىرى قول سېلىپ قىلالايدىغان، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان، ئاسان ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان كەنت - مەھەللىلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشتىن قول سېلىپ ئىشلەپ، كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغان، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈزبەرگەن.

«كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى چوڭ، سەپەرۋەر قىلىنغان ئامما كۆپ، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايون «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايون باش مەسئۇل بولۇش، ناھىيە - شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش تەلىپى بويىچە، كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئەمەلىي ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، توشۇش، ھويلا - ئارانلارنى تازىلاش قاتارلىق بېكىتىلگەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، كەنت - مەھەللە مۇھىتىنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، تاشلاندۇق تام - كېسەكلەرنى تازىلاش، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، يېزىلاردا كەنت قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى.

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كادىر، ئاممىنى 26 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ئەمگەك كۈچى چىقىرىشقا قوزغاتتى، زور كۈچ بىلەن ئەخلەت، تاشلاندۇق تام - كېسەكلەر، كەنتتىكى كۆلچەكلەر، ئېرىق - ئۆستەڭلەر ھەمدە چارۋا - ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىن چىققان قىغ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تاشلاندۇقلار تازىلىنىپ، مۇھىتنى تۈزەش ئۈنۈمى ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايون «كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ياز پەسىللىك جېڭى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىشنى پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ ئەمەلىي، ھەل قىلىشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان مەسىلىلەردىن قول سېلىپ ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىدىكى «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، قاراڭغۇ بۇلۇڭ ۋە خىرە نۇقتا قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىدەك پايدىلىق پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، «كىچىك قول چوڭ قولنى تۇتۇش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ