تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جىلىن: ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش  مول نەتىجىلەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چاڭبەيشەن تېغى ئېتىكى، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى بويلىرىدىن غەربىي شىمال چېگرا رايوندىكى جياڭجۈن تېغى ئېتىكى، قىران دەرياسى قىرغاقلىرىغىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى جىلىن ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئىككى جاي خەلقىنى قان قېرىنداشلارغا ئايلاندۇردى.

جىلىن ئۆلكىسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى، قابا ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، جىلىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئالتاينىڭ ساياھەتتىكى تەبىئىي ئۈستۈنلۈكى ۋە جىلىننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىدىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئويلىشىپ، «قار - مۇز مۇقەددەس شەھىرى، يىپەك يولى ئاۋىياتسىيە پونكىتى، مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى»دىن ئىبارەت ئالتاينىڭ نام كارتىسىنى بەرپا قىلىشىغا ماسلىشىپ، «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى، 100 كەنتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئون مىڭ ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتتى... ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئامما ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

بۇ يىل 5- ئاينىڭ بېشىدا، «ئىككى تاغ ئىتتىپاقى (چاڭبەيشەن تېغى+ئالتاي تېغى) ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ۋە ساياھەت رامكا كېلىشىمى ئالتاي شەھىرىدە ئىمزالاندى.

«جىلىن بىلەن شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم قار - مۇز بايلىقى چوڭ ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدى بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى باشلاپ، قار - مۇز كەسپىدە كۈچلۈكلەر بىرلىشىش، ئۆزئارا كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ھازىرغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش، ئۇزاق كەلگۈسىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى جىلىن ئۆلكىسى چاڭبەيشەن تېغى مۇھاپىزەت - ئېچىش رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ كۇ.

قار - مۇز كەسپى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ خاس ئەۋزەل كەسپى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەۋقەنى ئالتاينىڭ بايلىق تەبىئىي ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، «قار - مۇز ئارقىلىق چېگرا رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش، قار - مۇز ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، قار - مۇز ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش»تىن ئىبارەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەسەۋۋۇرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى، كەسپىي كوللېكتىپ تەشكىللەپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە قاپلاش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قار - مۇز يىرىك پىلانى − «ئالتاي تېغى قار - مۇز ساياھىتى چوڭ رايون يىرىك پىلانى»نى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن تۈزدى. مۇشۇ ئاساستا، جىلىن، شىنجاڭ ئىككى ئۆلكە، رايون بىرلىشىپ ئىلتىماس سۇنۇپ «جۇڭگو قار - مۇز كەسپى (چاڭبەيشەن تېغى+ئالتاي تېغى) ھەمكارلىق ئۈلگە رايونى»نى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەرلىكتىكى ساياھەت بازىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قارىتا، پۇقراۋى قونالغۇ، ئاشپەزلىك سەنئىتى، چەۋەندازلىق كەسپى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى كۆپ قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى نامرات ئاممىنىڭ يېقىن جايدا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «غەربىي شىمال چېگراسىدىكى 1- كەنت» «شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل قار كەنتى» «كونا قورجا ئائىلىسى» قاتارلىق خاس ساياھەت يېزا - قىشلاقلىرىنى بەرپا قىلىشقا ياردەم بەردى. جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنى تىرەك قىلىپ ئۈچ ئورۇندا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇردى، پاي ھوقۇقىغا چېتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىش، خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى 15 نامرات كەنتنىڭ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ كىرىمىنى زور نىسبەتتە ئاشۇردى.

بۇ يىل جىلىن ئۆلكىسىنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوشۇنىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان ئاخىرقى يىلى، شۇنداقلا جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنىڭ 10- يىلى. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ 3- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ باش يېتەكچىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈن لىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «جىلىندىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلار ئۈمىدنى ھەرگىزمۇ يەردە قويماسلىقتەك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش روھى بىلەن تەشكىلنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى يەردە قويماي، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن يىللاردىكى ئەجرىنى يەردە قويماي، ئالتايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىللە، <ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي> <جۇڭگونىڭ قار مەركىزى>دىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاق ئالتۇن نام كارتىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار - مۇز ساياھىتىدىكى قەد كۆتۈرۈش جېڭىنى تىرىشىپ ياخشى قىلىپ، <ئادەتتىكى پەسىلدە ئادەتتىكىدەك بولماسلىق، سۇس پەسلىدە سۇسلاشماسلىق>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالتاينىڭ ساياھەت بازىرىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ