تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى پۇختا، تولۇق ئادا قىلىپ، كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى پۇختا، تولۇق ئادا قىلىپ، كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىگە بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى پۇختا، تولۇق ئادا قىلىپ، كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

لى پېڭشىن سۇچىلىق نازارىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە سۇ، يامغۇر ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مېتېئورولوگىيە، ھىدرولوگىيە، ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۈچەپ ئۆگىنىشنى تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، سۇچىلىق كىشىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زور كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زور كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، زور خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ۋە دەريا ئېقىنلىرىنىڭ سۇ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتلام - دەرىجىگە ئايرىپ، تەۋەلىك رايونغا ئايرىپ، ۋادىغا ئايرىپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى ۋە كەلكۈن ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالىنى مۆلچەرلەش، تەھلىل قىلىش ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، بالدۇر ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۈچ تەشكىللەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خەۋپ - خەتىرى، يوشۇرۇن خەۋپ ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش كېرەك. سۇ ئامبىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇ ئامبىرىدىن سۇ قويۇپ بېرىش ئىنشائاتى، تۇغان قاتارلىقلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىش تەقسىماتى ئايدىڭ بولۇش، مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇش، ۋەزىپىنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلەشكەن، توغرا يۆنىلىشتە چەتكىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە بولغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، قوماندانلىق سىستېمىسى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: بىرتۇتاش پىلانلاپ لايىھەلەش، قاتلامغا، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مېتېئورولوگىيە، ھىدرولوگىيە، سۇ ئامبىرى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىرگەۋدىلەشكەن سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە تۈرلۈك سۇ ئامبىرى، دەريا يولى، توسمىلارنى قاپلىغان سۇ ئەھۋالىنى سىنلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پەن - تېخنىكىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ