تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«نەغمە» قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى جانلاندۇردى

 قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىدا، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە شادىيانە مەشرەپكە چۈشتى (7-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، ناخشا-ئۇسسۇل شۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىدۇر. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىش ساياھەتچىلەرنىڭ قەدىمىي شەھەرنى ساياھەت قىلىشىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالدى. 2019-يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 310 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور كۆلەمدە ئاشقان.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى «گۈلىنىڭ ئۆيى» ئۆزگىچە ھويلىسىدا، زۇلقەمەر مەمەتتۇرغۇن (سولدا) داپ چېلىپ ساياھەتچىلەرنى قارشى ئالدى (7-ئاينىڭ 9-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىدا، «گۈلىنىڭ ئۆيى» ئۆزگىچە ھويلىسىنىڭ دۇكان ئىگىسى سالامەتگۈل (سولدا) ساياھەتچى بىلەن بىللە مەشرەپكە چۈشتى (7-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى «گۈلىنىڭ ئۆيى» ئۆزگىچە ھويلىسىدا ساياھەتچىلەر مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلانماقتا (7-ئاينىڭ 9-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى يۈز يىللىق چايخانىدا، شۇ جايدىكى ئاھالە مۇزىكىغا جور بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا (7-ئاينىڭ 7-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئاتۇش كوچىسىدا، بىر كىچىك دوست كوچىدا مۇزىكىغا جور بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا (7-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى «كوناشەھەر ھەسەن-ھۈسەن قول ھۈنەر ياغاچ جابدۇق سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە دۇكىنى»نىڭ دۇكان ئىگىسى ئۆمەرجان ھۈسەن مىللىيچە چالغۇ چالماقتا (7-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ