تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىردە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ھۆكۈمەت ئاممىۋى فۇنكسىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ۋە كاپالەت خاراكتېرلىك خىزمەت. پىكىردە مۇنداق تەكىتلەندى: ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش تەلىپى بويىچە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان قانۇن مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، باراۋەر، ئومۇمىي مەنپەئەتدار زامانىۋى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2022- يىلىغا بارغاندا، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، باراۋەر، ئومۇمىي مەنپەئەتدار زامانىۋى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت تورى ئەسلىھەسى ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، ئۆزئارا ئالاقە راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق ئاممىسى بەھرىمەن بولىدىغان ئاساسىي ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستۈرۈلىدۇ.

2035- يىلىغا بارغاندا، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشقان ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت تورى ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، مۇلازىمەت مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللىشىپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇلازىمەت كاپالىتى پۇختا، كۈچلۈك بولۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ، قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ ئامما رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ