تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستى

شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 353 مىڭ 400 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 1 مىليون 756 مىڭ 200 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، نۇقتىلىق توپ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ساقلانغان، ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆسۈپ، «يېرىم يىلدا ۋەزىپىنىڭ يېرىمىنى ئورۇنداش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 353 مىڭ 400 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %78.52ى ئورۇندالدى؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 1 مىليون 756 مىڭ 200 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %65.04ى ئورۇندالدى؛ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 28 مىڭ 900 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %72.22ى ئورۇندالدى؛ 44 مىڭ 900 ئادەم يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %149.7ى ئورۇندىلىپ، 91 مىڭ 400 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھەرخىل كەسىپ بويىچە 743 مىڭ 100 ئادەم قېتىم تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %67.56ى ئورۇندالدى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى مۇقىم قەدەم بىلەن ئاشتى. شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە 235 مىڭ ئادەم مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار سانىنىڭ %66.5 ىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى سىجىل ئېشىپ، 3- كەسىپنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقى يەنىمۇ زورىيىپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچكە ئايلاندى. ساياھەت كەسپىدە «يەتتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 32 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنىڭ %80.02ى ئورۇندالدى.

بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، يۆلەش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 392 مىڭ 900 ئادەم تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىما سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان، تولۇقلىما مەبلىغىدىن 1 مىليارد 350 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن؛ مۇقىم ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى، تېخنىكا - ماھارەتنى ئۆستۈرۈش تولۇقلىمىسى سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، 2076 كارخانىغا مۇقىم ئىش ئورنى تولۇقلىمىسىدىن 238 مىليون يۈەن تارقىتىپ بېرىلىپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن 580 مىڭ 200 ئادەمگە نەپ يەتكۈزۈلگەن؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرغا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن يۈكى يېنىكلىتىلگەن.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ ۋەزىيەت نامايان قىلىنغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 101 مىڭ 100 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، %12.46 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ %28.61 ىنى ئىگىلىگەن؛ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 54 مىڭ 635 ئادەم تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %136.59 ى ئورۇندالغان.

مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نۇقتىلىق توپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سىجىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ