شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي باشلىنىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى، مەخسۇس كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمى، مەخسۇس كۇرستىن ئىبارەت بەش تۈركۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە جەمئىي ئالتە قېتىم ئارزۇ قوبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ھەرقايسى تۈركۈملەرگە قارىتا كونكرېت قوبۇل قىلىش خىزمەت ۋاقتى، ئارزۇ قوبۇل قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش خىزمىتى ۋاقتىنى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق بىلىشكە بولىدىكەن. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى قەرەللىك يېڭىلايدىكەن ھەمدە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا يوللايدىكەن، بۇ ۋاقىتتا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىردەك ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىدا ئېلان قىلىنغان قوبۇل قىلىش جەريانى ۋە خىزمەت ھالىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تولدۇرۇلغان ئارزۇنى قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.