تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۇ يۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى): داپەنجى، كاۋاپ، ئۆپكە-ھېسىپ، مالاتاڭ، يەنە يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى خادادۆڭ كەنتىدىكى ئۈزۈم كارىدورى باشقىچە قاينام-تاشقىنلىققا تولدى، بۇ يەردىكى دېھقانلار كەچلىك بازىرىدا تىجارەت باشلىنىپ، يايما ئېچىشقا، بازار ئايلىنىشقا كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىدىن ئېسىل تائاملارنى تېتىپ باققىلى كەلدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا خادادۆڭ كەنتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى ئەزالىرى ئاممىنى يېتەكلەپ قىشلىق بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىرلىكتە ئۇزۇنلۇقى 1100 مېتىر، كەڭلىكى 7 مېتىر، ئېگىزلىكى 4 مېتىر كېلىدىغان بۇ ئۈزۈم كارىدورىنى ياسىدى. 7-ئايدا، ئۈزۈم پىلەكلىرى ئاستا-ئاستا تىرەكلەرگە يامىشىپ، قويۇق يېشىللىق تۈسى قوشتى.
«ئەينى چاغدا ئۈزۈم كارىدورى ياسىغاندىلا، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانلار كەچلىك بازىرى قۇرۇشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، مەن بۇ ئامالنى بولىدىكەن دەپ ئويلىغان، مانا ھازىر كەچلىك بازار ئېچىلدى، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى.» لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى خادادۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى پېي چياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خادادۆڭ كەنتى ناھىيە بازىرىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا، بۇرۇن كەنت ئاھالىلىرى بازارغا بېرىش توغرا كەلسە ناھىيە بازىرىغا باراتتى، نەرسە-كېرەكلەرنى كۆپ ئالسا قايتىشمۇ قولايسىز ئىدى. ھازىر خادادۆڭ كەنتىدە ھەر شەنبە كۈنى بىر قېتىم كوللېكتىپ كەچلىك بازار ئېچىلىدۇ، ئادەتتە ئاھالىلەر ئۈزۈم كارىدورى ئاستىدا يايما ئېچىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمىدى.
كەچلىك بازار يەنە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى نۇرغۇن دېھقانلارنى يايما يېيىشقا، كەچلىك بازار ئايلىنىشقا جەلپ قىلدى. تىجارەت باشلىغان كۈنى، 50 نەچچە يايما ئورنىدا يېمەك-ئىچمەك، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر بار بولۇپ، يايما دائىرىسى 300 مېتىرغا يېتەي دېدى.
خادادۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلىز ئازات ئۆزىنىڭ لەڭپۇڭ، راڭپىزا ۋە ئۆپكە-ھېسىپلىرىنى كەچلىك بازارغا ئېلىپ چىقىپ، ناھايىتى تېزلا سېتىپ بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كەچلىك بازاردا ئادەم بەك كۆپ، مەن 200 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ بولدۇم. بىز بەك خۇشال بولدۇق».
كەنت ئاھالىسى ھېزىمخان يۈسۈپ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن بىرلىشىپ مالاتاڭ ساتتى، «بىز سائەت 7دە كەلگەن، 3 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ھەممىنى سېتىپ بولۇپ، 300 نەچچە يۈەن كىرىم قىلدۇق.» دېدى ھېزىمخان.
«ھازىر نۇرغۇن كەنتلەر مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەچلىك بازارغا كىرىپ پۇل تاپماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىز دېھقانلار كەچلىك بازىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز.» دېدى پېي چياڭ.