
شىنخۇا تورى خەۋىرى: تومۇز ئايلىرىدا، جۇڭگونىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان پامىر ئېگىزلىكى ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر، تۇتىشىپ كەتكەن قارلىق تاغلار بىلەن ئەڭ گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلانغان مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئېلىپ، قويۇق ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى ھېس قىلدى. تاشقورغان ناھىيەلىك ساياھەت تارمىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ناھىيە بويىچە جەمئىي 554 مىڭ 100 ساياھەتچى قېتىم كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.26 ئاشقان. (لى جىڭ، خۇ خۇخۇ فوتوسى)






