كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسىنىڭ ئۈستۈن قۇمئېرىق كەنتى جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار چىن كۆڭلىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئېڭى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدىكى غەيرىتىنى ئاشۇردى.
بۇ ئىككى كۈندە، كەنت ئاھالىسى نۇردۇن زاكىرنىڭ ئۆيىدىكى يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىپ، ئۆيىدە سۇ ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ياشقا چوڭ، مېيىپ بولغاچقا ئۆزى رېمونت قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ جيۇلۇڭ دەرھال خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى تەشكىللەپ نۇردۇننىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇبىنى جىددىي رېمونت قىلدى، يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 2 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايغا كۆمۈلگەن بولۇپ، تۇرۇبا يېرىلىپ كەتكەندىن كېيىن يەر ئاستىغا نۇرغۇن سۇ يىغىلىپ، توپا بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە، يېرىلىپ كەتكەن سۇ تۇرۇبىسىنى تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى. بىراق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى نۆۋەتلىشىپ گۈرجەك بىلەن كولىدى، گۈرجەك قولايسىز بولسا قولى بىلەن كولىدى، 4 سائەتتىن كېيىن، ئاخىرى سۇ سائىتى ۋە يېرىلىپ كەتكەن سۇ تۇرۇبىسىنى تېپىپ، سۇ تۇرۇبىسىنى ئالماشتۇرۇپ، نۇردۇن زاكىرنىڭ سۈيىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
«پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر سەمىمىي، بىر ئائىلە كىشىلەردەك بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۈگۈن خىزمەت ئەترىتى بولمىغان بولسا، قانداق قىلىشنىمۇ بىلمىگەن بولاتتىم، شۈ شۇجىغا رەھمەت، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت!» دېدى نۇردۇن زاكىر مىننەتدار بولغان ھالدا.
(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ۋاڭ يۆفېڭ تەمىنلىگەن)