تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار ھەر كۈنى 7500 قەدەم ماڭسا يېتەرلىك

ھەرىكەت قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق، لېكىن راستىنلا «كۈندە 10 مىڭ قەدەم مېڭىش» ئەڭ ياخشى ھېسابلىنامدۇ؟ يېقىندا ئامېرىكا ئالىملىرى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياشانغان ئاياللار ھەر كۈنى تەخمىنەن 4400 قەدەم ماڭسا ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، لېكىن 7500 قەدەمدىن كېيىن، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يەنە تۆۋەنلىمەيدىكەن.

بۇ تەتقىقاتقا 16 مىڭ 741 ئايالنىڭ سانلىق مەلۇماتى كىرگۈزۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 72 ياش بولۇپ، ئۆلچەش ئەسۋابى تاقاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈندىلىك يول مېڭىش قەدەم سانى ھېسابلانغان. تەتقىقاتتا 4.3 يىل ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىنغان، بۇ ئارىلىقتا جەمئىي 504 ئايال ئالەمدىن ئۆتكەن. تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، كۈندىلىك ماڭغان قەدەم سانى (ئارا سان 2718 قەدەم) ئەڭ ئاز ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى 4363 قەدەم ماڭغان ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ %41 تۆۋەنلىگەنلىكى؛ ھەر كۈنى 5905 قەدەم ماڭغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ %46 تۆۋەنلىگەنلىكى؛ ھەر كۈنى 8442 قەدەم ماڭغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ %58 تۆۋەنلىگەنلىكى بايقالغان. كۈندىلىك يول مېڭىش قەدەم سانى ھەر 1000 قەدەم ئاشقانلارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىتتىكى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %15 تۆۋەنلىگەن، بىراق بۇ نىسبەت 7500 قەدەمگە يەتكەندىن كېيىن مۇقىملىقنى ساقلىغان. تەتقىقاتتا يەنە بايقىلىشىچە، يول مېڭىش سۈرئىتى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش يوق ئىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ