تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇ خاۋ) «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» يېقىندا بېسىپ تارقىتىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان دىققەت مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۇنجى مۇھىم ھۆججەت، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتى مىليونلىغان ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ تەربىيەلەش كېرەك؛ «بەش تەربىيە»نى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؛ دەرسخانىنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ «تۆت بار ياخشى ئوقۇتقۇچى» ئۆلچىمى بويىچە، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك؛ ئاچقۇچلۇق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاش كېرەك؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو مائارىپ ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جۇڭ بىڭلىن مۇنداق قارىدى: مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇش باسقۇچىنىڭ ئارىلىقى توققۇز يىلغا يېتىدۇ، ئۇ ئوقۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئوقۇش يېشى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مائارىپ باسقۇچى، ھەربىر ئائىلە، ھەربىر بالىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مائارىپ باسقۇچى. پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسىدا، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئۇل سېلىش خاراكتېرلىك رولغا ئىگە بولۇپ، زامانىۋى خەلق مائارىپى سىستېمىسىنىڭ ئۇل تېشى، دەپ قارىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق قارىدى: پىكىردە ئاچقۇچلۇق ئامىللار چىڭ تۇتۇلۇپ، «نېمىنى ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش» كۆزلىنىپ، ئەخلاق تەربىيەسى، جىسمانىي تەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسى ۋە ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ تېگىشلىك ئورنى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى؛ «قانداق ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش» كۆزلىنىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تاپشۇرۇق، ئىمتىھان، يېتەكچىلىك قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەقىقىي تۈردە دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى؛ «ئوقۇغۇچىلارنى كىم ئوقۇتۇش» كۆزلىنىپ، «تۆت بار ياخشى ئوقۇتقۇچى» ئۆلچىمى بويىچە، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش تەكىتلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتۇش - تەتقىقات خادىملىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا قارىتا پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ