تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ دائىرىسىدە پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلغان، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قىلغان بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك جەڭ.

«ئاپپارات ئىسلاھاتىدا يارىتىلغان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

پارتىيەنىڭ 18- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىندى، 2020- يىلىغىچە بولغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسى پىلانلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى دەۋرى ئېچىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلدى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مىسلىسىز سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاساسلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي گەۋدە رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى، يېڭى بۆسۈشلەر ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر، پارتىيەنىڭ 18- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان قاتتىق ۋەزىپە. ھازىر 2020- يىلىدىكى مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پەقەت بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، داۋاملىق قاتتىق جەڭ قىلىپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلغاندىلا، ئاندىن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا، ئاپپارات ئىسلاھاتىدا يارىتىلغان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم، زور ھەرىكەت بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا تۈزۈلمە تىرىكىلىك رولى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ھازىر، 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملاندى، بىز تەشكىلىي قۇرۇلمىنى قايتا قۇرۇشنى تاماملاپ، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى تۈزۈلمە تىرىكى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدۇق. ئاپپارات ئىسلاھاتىدا يارىتىلغان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، تۈزۈم خاراكتېرلىك مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك تۇتۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات لايىھەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باھالاپ، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۆپرەك تۇتقاندىلا، ئاندىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا، نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورۇنلاشتۇرغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىسلاھات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىش، تەدبىر بەلگىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىش كېرەك. ئىسلاھاتتا ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات، مۇھىم، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىلىدىغان ئىسلاھات، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ سۈپىتى ۋە يولغا قويۇلۇش نەتىجە - ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نەتىجىلەرنى رەتلەپ ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشىگە، تېخىمۇ مۇقىملىشىشىغا ئومۇمىي جەھەتتىن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىسلاھات پەقەت داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ. مەيلى ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە بولسۇن ياكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا بولسۇن، بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، مۇھىم، زور زىددىيەت ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىپ ۋە ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى ئاچالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ