تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

جاڭ يۈنمېي

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، ماركسىزملىق چوڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي خىسلىتى، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەريانى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى بىلەن يەنىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ، بۇ ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەزمەن چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىشى، يۈزەكى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلەپ، مەسىلىنى توغرا تېپىپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقىپ، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ