تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىنىڭ بۇ يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن): 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يول بۆلەكلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن سۇ توختايدۇ، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ يول بۆلەكلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سۇ ساقلىۋېلىشىنى ئەسكەرتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭيا جەنۇبىي يولىدىكى DN600mm كاشىلا بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش كىلاپانىنى ئالماشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاراماي يولى-نەنخۇ شەرقىي، غەربىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى (ئىككىنچى قارار) ىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سۇ توختىتىپ بېسىم تۆۋەنلىتىش كىلاپانىنى ئالماشتۇرۇش ۋە تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ ماسلىشىشقا توغرا كېلىدىكەن. سۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ سۇ توختىتىش پىلانى تۆۋەندىكىچە:

   بىرىنچى، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 10:00 دىن 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10:00 گىچە، جۇڭيا جەنۇبىي يولىدىكى DN600mm كاشىلا بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش كىلاپانىنى ئالماشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ سۇ توختىتىلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا جۇڭيا چوڭ يولى، جۇڭيا شىمالىي يولى، مەرھابا يولى لىنىيەسى بويىدا بۇنىڭ تەسىرىدە سۇ توختايدىكەن، غەربىي تاشقى ئايلانما، ئالتاي يولى لىنىيەسى بويىدىمۇ بۇنىڭ تەسىرىدە سۇ بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن.

   ئىككىنچى، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10:00 دىن 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 10:00 گىچە، ئۈرۈمچى قاراماي-نەنخۇ شەرقىي، غەربىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى (ئىككىنچى قارار) دىكى DN700mm تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى يۆتكەپ ئۆزگەرتىش، ئۇلاش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ سۇ توختىتىلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ۋېنچۈەن شەرقىي يولى، گۈەنيۈەن يولى (گۈەنجىن يولىدىن شەرقىي پېيزى جىنيۈەن يول بۆلىكىگىچە) لىنىيەسى بويىدا بۇنىڭ تەسىرىدە سۇ توختايدىكەن.

    ئالاقىدار  كىشىلەر ئالدىن سۇ ساقلىۋېلىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە سۇ توختىتىش ۋاقتى ئۇزارتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ