تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردىلا، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ 2019-يىللىق «شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 100 كەنت سەپىرى» ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يولغا چىقىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى رەھبەرلىرى 2019-يىللىق ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەمدە پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قەسىمى بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى جەمئىي يەتتە مەكتەپ دەرىجىلىك قوشۇن، 12 شۆيۈەن دەرىجىلىك قوشۇن تاللىغان بولۇپ، 670 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشتى، ئۇلار قىزىل گالىستۇك دەرسخانىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» قا كۈچ قوشۇش قاتارلىق مەخسۇس ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.