شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى چاڭشىڭ ناھىيەسى لىنچېڭ بازىرى جوۋۋۇجيې كەنتىنىڭ چۇننى پىلانى بويىچە يازلىق تەتىللىك كۇرسىدا «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» مەخسۇس دەرسلىكى ئۆتۈلدى. يېزا بالىلىرىنىڭ يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، جېجياڭ ئۆلكىسى چاڭشىڭ ناھىيەسى لىنچېڭ بازىرى بىرقانچە يېزا-كەنتتە يازلىق تەتىللىك «چۇننى پىلانى»نى قانات يايدۇردى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى، يېزا-بازارلاردىكى پارتىيە ئەزاسى پىدائىيلىرى ۋە مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى پىدائىيلار قاتارلىقلار چۇننى پىلانى بويىچە يازلىق تەتىللىك كۇرسنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ تەشكىللەندى، ئۇلار بالىلارنى يېتەكلەپ مەدەنىيەت دەرسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، قىزىقارلىق ئويۇن، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرسلىك ۋە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. (شۈي يۈ فوتوسى)
«چۇننى پىلانى» يېزا بالىلىرىنىڭ يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلدى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/07/09 21:05
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.