7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر جۈخۇاتەيدە گۈللەردىن ھوزۇرلانماقتا.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى كەي). يازنىڭ تومۇز كۈنلىرىدە، ئۈرۈمچى نەنسەن جۈخۇاتەي مەنزىرە رايونىدىكى مىڭ مو يەردىكى جۇخارگۈلى پورەكلەپ ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇخارگۈلى مەنزىرە رايونىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر مىڭ مو يەردىكى ياۋا جۇخارگۈلى پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ئېچىلىش مەزگىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، يازدا سالقىندىغاچ ساياھەت قىلماقچى بولغانلارنىڭ ساياھەت قىلىشىغا ماس كېلىدىكەن. يېقىندا، ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە، قاراماي مەدەنىيەت- ساياھەت يۇغۇرما، ماس تەرەققىيات ئورتاق قارىشى ھاسىل قىلىپ، «بەش ئوبلاست، شەھەر» دە ئۆز ئارا ساياھەت قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستېراتىگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە، قارامايدا مەدەنىيەت- ساياھەت يۇغۇرما، ماس تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى بويىچە مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى،
جۈخۇاتەي مەنزىرە رايونىنىڭ درېكتورى گۈلتاي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 29-، 30-كۈنى بۇ يىلدىن بۇيانقى ساياھەتچى ئەڭ كۆپ كۈتۈۋېلىنغان قىسقا دەم ئېلىش (شەنبە، يەكشەنبە) كۈنى بولۇپ، كۈندىلىك ساياھەتچى 1000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
گۈلتاي مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچىلەر ئاساس قىلىندى، ئۇنىڭدىن قالسا تۇرپاندىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر، يەنە سانجى ۋە شىخەنزە ھەمدە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بار.
ھازىر، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى 45 يۈەن (ھەر بىر ئادەم) دىن سېتىلىۋېتىپتۇ. جۈخۇاتەيدىن ئىككى كىلومېتىرلىق تۆۋەن جايدا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئۈچى بار بولۇپ، مىڭدىن كۆپرەك ئاپتوموبىلنى توختاتقىلى بولىدىكەن. ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا مەنزىرە رايونلار ئارا قاتنايدىغان، جۈخۇاتەيگە بىۋاسىتە بارىدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇس، جۈخۇاتەيدە پۈتۈن مۇساپىلىك ياغاچ يول بار ئىكەن.
جۈخۇاتەي ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گەنگوۋ يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، نەنسەندىكى غەربىي بەيياڭگوۋ بىلەن قوشنا. بۇ بىر جۇخار گۈلىنى ئالاھىدىلىك قىلغان يايلاق ۋە چارۋىچىلىق مەنزىرە ساياھەت رايونى.