تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇرسۇننىسانىڭ تۇرمۇشى مەنىلىك ئۆتمەكتە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«ئاچا - سىڭىللار، بىزنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىپىمىز تۈنۈگۈندىكىدىن 150ى كۆپ. چۈشتىن بۇرۇن كۆپچىلىكنىڭ ئىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، چۈشتىن كېيىن داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، ۋەزىپىنى بالدۇر تاماملاپ ئىشتىن چۈشەيلى، بولامدۇ؟» «بولىدۇ!» 5- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشقا چىقىش بىلەنلا، 4- نومۇرلۇق سېخنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇننىسا ئېلى يۇقىرى ئاۋازدا خىزمەتداشلىرىدىن سورىدى، كۆپچىلىك بىردەك جاۋاب بەردى.

بۇ، خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىدىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدىكى بىر كۆرۈنۈش. ئىلگىرى بېكىنمە ياشايدىغان، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن تۇرسۇننىسا ھازىر يېزا كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدىكى «قابىل ئادەم»گە ئايلاندى. ئۇ پىشقان ماھارىتى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا باشلىدى. خىزمەتتە، ئۇ قايتا ئىشەنچكە ئېرىشىپ، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

 ئەستايىدىل خىزمەت قىلىۋاتقان ھالەت ناھايىتى گۈزەل

تۇرسۇننىسا بۇ يىل 27 ياش بولۇپ، يېڭىئاۋات يېزىسى جاھانباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، شۇنداقلا خوتەن ناھىيەسى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى پۈتكۈزگەن تەربىيەلەنگۈچى. يېڭىئاۋات يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىدىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى يۈ فېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تۇرسۇننىسا تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە ماھارەت ئىگىلىگەن، پۇتۇڭخۇانى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى يامان ئەمەس بولغاچقا، كېلىشى بىلەنلا كارخانا تەرىپىدىن سېخ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلەندى.

ئەينى چاغدا، سېختىكى بەزى ئايال ئىشچىلار قايىل بولماي، نېمىشقا ئۇ كېلىپلا مەسئۇل بولىدىكەن؟ دېيىشكەنىدى، بېسىم ئالدىدا، تۇرسۇننىسانىڭ پوزىتسىيەسى ئاكتىپ بولدى، ئەتىگەندە سېخقا بىرىنچى بولۇپ كېلىپ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلدى، دەم ئېلىش ۋاقتىدا تېخنىكىسى ئاجىزراق ئاچا - سىڭىللارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇلارنى تەربىيەلىدى، باشقىلار يېتەلمىگەن سۈپەت تەلىپىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئورۇندىيالىدى، ئادەتتىكى كاشىلا كۆرۈلگەن ماشىنىنىمۇ ئۇ رېمونت قىلالىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ سېختا تەدرىجىي ئىناۋەت تىكلىدى.

«4- نومۇرلۇق سېختا جەمئىي 35 ئايال ئىشچى بار، ھەممىسى يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىسى. بىزنىڭ خىزمىتىمىز تۈگمە تۆشۈكىنى تورلاش، تۈگمە قاداش، دەزمال سېلىش، ئوراپ قاچىلاش، ئەڭ مۇھىمى سۈپەت تەكشۈرۈش.» تۇرسۇننىسا مۇخبىرنى باشلاپ سېخنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغاچ بىرمۇبىر تونۇشتۇردى.

ئازادە، يورۇق سېختا شامال ناھايىتى ياخشى ئۆتۈشىدىكەن، مەيىن شامال چىققاندا ئىنتايىن سالقىن بولىدىكەن. «خىزمەت مىقدارى نورمال چاغلاردا، مەن كۆپچىلىكتىن ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئامال بار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمەسلىكنى تەلەپ قىلىمەن. بىز ئىشقا قاراپ ئىش ھەققى ئالىمىز، كۆپ ئىشلىسەك كۆپ ئالىمىز» دېدى تۇرسۇننىسا خۇش پېئىللىق بىلەن.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، زاۋۇتقا چوڭ بىر زاكاز كەلدى، ئالدىدىكى سېخ ئۈستىنكى كىيىمنى پۈتكۈزۈپ بولۇپ، ئىشتاننى كېچىكىپرەك پۈتكۈزدى، 4- نومۇرلۇق سېخ ئوراپ قاچىلاشقا ئامالسىز قالدى، لېكىن ۋەزىپىنى چوقۇم ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك ئىدى. تۇرسۇننىسا كۆپچىلىكنى باشلاپ بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تاماملاشقا تىرىشتى، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن خىزمەت مىقدارىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، كەچ سائەت 11دە ئىشنى تاماملىدى. ئىشنى تۈگەتكەن شۇ دەقىقىدە، ئاچا - سىڭىللار تەنتەنە قىلىشتى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىشىش ئېلىپ كەلگەن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى كۆپچىلىكنى ھاياجانغا سالدى.

تۇرسۇننىسانىڭ سۆزمەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئوچۇق - يورۇق ھالىتىنى كۆرگەن مۇخبىر ئۇنىڭ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بالدۇرلا ئوقۇشتىن توختاپ، ئۆيگە بېكىنىۋالغانلىقىنى، بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئارتۇق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدى.

«ھازىر مەن ئۆتمۈش بىلەن پۈتۈنلەي خوشلاشتىم، كىشىلىك تۇرمۇشۇمدا يېڭى باشلىنىش بولدى.» تۇرسۇننىسا مۇنداق دېدى: «ماھارىتى بولسا، خىزمىتى بولسا بەك ياخشى بولىدىكەن، كۈندە ھاياتىي كۈچكە تولىمەن».

 كىشىلىك ھاياتتا ئىككى قېتىملىق بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرۈش

تۇرسۇننىسا كىشىلىك ھاياتتا ئىككى قېتىملىق بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئالدىنقى قېتىملىقى زۇلمەتكە تۇتاشقان، كېيىنكى قېتىملىقى يورۇقلۇققا تۇتاشقان.

«تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2- يىللىقىدا، مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملاندىم.» تۇرسۇننىسا مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى، «شۇ چاغدا مەن دائىم قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرەتتىم، ئۇ ئۆيدىكى ھەدەم مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ياقتۇراتتى، ماڭا ئۆزىنىڭ نۇرغۇن <داۋلى>لىرىنى، مەسىلەن، ئاياللار يۈزىنى ئورىشى، نىقابلىق كىيىم كىيىشى، مەكتەپتە ئوقۇماسلىقى، ئۆيدىن سىرتقىمۇ چىقماسلىقى كېرەك، خىزمەت قىلىپ پۇل تاپسا تېخىمۇ بولمايدۇ، دېگەندەكلەرنى سۆزلەيتتى، كۆپ ئاڭلىغانسېرى قايمۇقۇپ كېتىپتىمەن، كېيىن يەنە ئوقۇشتىنمۇ چېكىندىم، ئىلگىرى ئۆگىنىش نەتىجەم يامان ئەمەس ئىدى».

تۇرسۇننىسانىڭ دادىسى بالدۇر تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئانىسى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسىنى بېقىپ چوڭ قىلغانىدى، ئىقتىسادتا قىينالسىمۇ، لېكىن يەنىلا بالىلىرىنىڭ ياخشى ئوقۇپ، بىلىمىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. قىزى ئوقۇشتىن چېكىنگەندە، ئانىسى ئازابلانغان ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى: «سېنى توسۇپ قالالمىدىم، مەن يەنە نېمىمۇ دېيەلەيمەن؟»

ئۆيگە بېكىنىۋالغان كۈنلەر ياخشى ئۆتمىدى، تۇرسۇننىسا كۈندىن - كۈنگە جىمغۇرلىشىپ كەتتى، گەرچە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەلىپى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە ئاشۇ «داۋلى»لارغا بويسۇنغاندىن كېيىنكى خۇشاللىق يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ پەقەت ئىككى مولا يېرى بار بولۇپ، تېرىغان بۇغداي، كۆممىقوناقلىرى ئاران يېيىشكىلا يېتەتتى. ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، تۇرسۇننىسانىڭ بۇنىڭدىن كۆڭلى يېرىم بولدى، ئائىلىسىگە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلىدى - يۇ، ئەمما كۆڭلىدە گاڭگىراپ قالدى.

2017- يىلى، كەنت كادىرلىرى ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ، ئۇنىڭغا ناھىيەدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگەنسە، ھەم ئىدىيەسىدىكى گاڭگىراشنى ھەل قىلالايدىغانلىقى، ھەم ماھارەت ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۇرسۇننىسا كۈنلىرىنى بۇنداق ئۈمىدسىز ئۆتكۈزۈشنى خالىماي، تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشنى قارار قىلدى.

تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، تۇرسۇننىسا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە قانۇننى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن تەدرىجىي قۇتۇلدى. تىككۈچىلىك ماھارىتى سىنىپىدا، ئۇنىڭ ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، قوش يىڭنىلىق ماشىنىدا تىكىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەشكىلا ئون نەچچە كۈن ۋاقىت كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن تېخنىكىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «ئۇ مەزگىلدە مەن ئىنتايىن بېرىلىپ ئۆگەندىم، تاماق ۋاقتىدىمۇ خىيالىم ماھارەت ئۆگىنىشتە بولدى» دېدى ئۇ.

«بىز تىككەن كىيىملەرنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدىم، كۆپچىلىك بازاردىن سېتىۋالىدىغان كىيىملەر ئەسلىدە مۇشۇنداق ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.» تۇرسۇننىسا ئىلگىرى ئۆيگە بېكىنىۋالغاچقا ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى، تەربىيەلەش مەركىزىدە بىلىم، قانۇن ۋە ماھارەت ئۆگەنگەنلىكىنى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى ئېيتتى. «بىز دائىم كىتاب ئوقۇپ، كىنو كۆرۈپ، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئەسلىدە شۇنچىلىك قىزىقارلىق، گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق» دېدى ئۇ.

 ئاچا - سىڭىللارنى باشلاپ بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش

2018- يىلى، تۇرسۇننىسا تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ خىزمەت تاپقاندىن كېيىن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىمۇ ياخشىلاندى. «مېنىڭ مۇقىم خىزمىتىم ۋە كىرىمىم بار بولدى، ئايلىق مائاشىم 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ.» تۇرسۇننىسا مۇنداق دېدى: «ئىنىممۇ ھازىر ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ، بىر سولياۋ تۇرۇبا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ئىشچى بولدى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى».

پۇل تاپقاندىن كېيىن، تۇرسۇننىسا سېتىۋالغان تۇنجى نەرسە كىرئالغۇ بولدى، ئانىسى خېلى بۇرۇنلا سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرى ئائىلىسى بەك نامرات بولغاچقا سېتىۋالالمىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئائىلىسىگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالدى، يەنە دائىم ئانىسىغا يېڭى كىيىم ۋە ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بەردى. «ئەينى يىلى ئانامنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغانىدىم، ھازىر مېنىڭ ئىقتىدارىم بار، ئانامغا ئوبدان ۋاپادارلىق يەتكۈزىمەن» دېدى ئۇ.

تۇرسۇننىسا پادىچىلار ئىشتىنى، قىسقا يەڭلىك مايكا كىيىۋالغان بولۇپ، جىسمىدىن ياشلارغا خاس جۈشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر كۈنى ئىشقا بالدۇر بېرىپ، ئاچا - سىڭىللار بىلەن بىللە خۇشال - خۇرام خىزمەت قىلىدۇ، چۈشتە ئاشخانا چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، مول مەزمۇنلۇق خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئۇنىڭ كەيپىياتىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.

تۇرسۇننىسا ئۆزىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغاندەك ھېس قىلدى. تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كەنتكە بېرىپ كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى. بىر ئاي جەريانىدا، ئۇ نېمىنىڭ «ئەھمىيەتلىك ئىش» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ھازىر، ئاچا - سىڭىللارنى باشلاپ، بىرلىكتە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تۇرسۇننىسانىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. «ھەربىر پۇقرانىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى بار، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم كۆپچىلىكنى باشلاپ كۆپرەك پۇل تېپىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش.» ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سېختىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۇ يېڭى بارغاندا بەزىلەر ئىشنى كۆپ قىلالماي ئىش ھەققىنى ئاز ئالاتتىكەن، بۇنىڭدىن ئۇ تولىمۇ تىت - تىت بوپتۇ، شۇڭا ئۇ ئاچا - سىڭىللارنىڭ تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچىنىڭ بارىچە ياردەم بېرىپتۇ.

يۈ فېڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، تۇرسۇننىسا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ناھايىتى ياخشى قوزغاپتۇ، 4- نومۇرلۇق سېخ پۈتۈن زاۋۇت بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىمۇ ئېشىپتۇ. تۇرسۇننىسانىڭ يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، كارخانىمۇ ئۇنى كۈچەپ تەربىيەلەپ، ئۇنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىپتۇ.

كەچقۇرۇن، مۇخبىر ئىشتىن چۈشكەن تۇرسۇننىسا بىلەن بىللە ئۆيگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيى پاكىز، رەتلىك بولۇپ، ھويلىسىغا ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخ تىكىلگەن ۋە كۆكتاتلار تېرىلغان ئىكەن، شاپتۇل، ئۆرۈك دەرەخلىرى مېۋە بېرىپتۇ. لازا، شوخلىلارمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆسۈۋېتىپتۇ. «مېۋىلەرنى كۆرگىنىمدە كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ئەجىر قىلسا ھوسۇل ئالغىلى بولىدىكەن، كەلگۈسىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ