تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

بىر ئۆمۈر ھەربىي بولغان فېڭ جيەنپىڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 7- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جىۋېيپايتەخت بېيجىڭدىن غەربكە قاراپ 218 كىلومېتىر ماڭغاندا، مىڭ يىللىق قەدىمىي ناھىيە − خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يۈشيەن ناھىيەسى بار. مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ يەردە تالانتلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن. ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھەربىي بولۇپ چاۋشيەن جەڭ مەيدانىدا بەختكە قارشى قۇربان بولغان فېڭ جيەنپىڭ دەل كىشىلەر تەرىپىدىن ھازىرغىچە خاتىرىلىنىپ، مەدھىيەلىنىپ كەلگەن قەھرىمانلارنىڭ بىرى.

فېڭ جيەنپىڭ 1913- يىلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يۈشيەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1932- يىلى شۈەنخۇا ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، ئوقۇش مەزگىلىدە ماركسىزمنى قوبۇل قىلىپ، ئىنقىلابقا ئاتلانغان.

1935- يىلى 7- ئايدا، فېڭ جيەنپىڭ تەرەققىيپەرۋەر ساۋاقداشلىرى بىلەن مەخپىي ھالدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش قوشۇن تەشكىللىگەن، ئوقۇغۇچىلارنى بېيپىڭغا ماسلىشىپ، بېيپىڭ «9- دېكابىر» ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە مەدەت بېرىشكە سەپەرۋەر قىلغان، كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1936- يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، فېڭ جيەنپىڭ شىئەندىكى جاڭ شۆلياڭ قىسمىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئەترىتىگە بېرىپ ئوقۇغان. شىئەن ۋەقەسىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئەترىتى تەشۋىقات ئەترىتىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، فېڭ جيەنپىڭ تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان. كېيىن شەرقىي شىمال ئارمىيەسىدە پارتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1937- يىلى 3- ئايدا، شەرقىي شىمال ئارمىيەسى شەرققە يۆتكەلگەندە، ئۇ ئەۋەتىلگەن ئەترەتكە كىرىپ، قوشۇنغا ئەگىشىپ بېڭبۇدىكى خۇەييۈەن ناھىيەسىگە بېرىپ تەربىيەلەنگەن، كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

1937- يىلىنىڭ ئاخىرى، قىسىم بېڭبۇ چاڭشەنگە كەلگەندە، تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى ئىزدەش ئۈچۈن، فېڭ جيەنپىڭ پويىزغا ئېسىلىپ چىقىپ شەرقىي شىمال ئارمىيەسىنىڭ گومىنداڭ قىسمىدىن قېچىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خۇ زۇڭنەن 17- جۈنتۇەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئەترىتىگە، شەنشى لىڭچۈەن كادىرلار مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. بىر مەھەل تەشكىلنى ئىزدەپ تاپالمىغان فېڭ جيەنپىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سىياسىي - ئىدىيەۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇپ، قىسىمنى قانداق قۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. 1938- يىلى فېڭ جيەنپىڭ يەنئەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي، سىياسىي داشۆسىنىڭ بىرىنچى چوڭ ئەترىتىگە ئوقۇشقا بېرىپ، ۋاياۋباۋدا يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا كىرگەن.

1939- يىلى 1- ئايدا، 8- ئارمىيەنىڭ خېبېي - رېخې - چاخار ئىلگىرىلىگۈچى ئارمىيەسى رەسمىي قۇرۇلغان. 1940- يىلى فېڭ جيەنپىڭ پىڭشى ئىلگىرىلىگۈچى ئارمىيەسى 9- تۇەنىدە دۈشمەن خىزمىتى بۆلۈمچىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1943- يىلى، پىڭشى شۆبە ھەربىي رايونىغا يۆتكىلىپ يۈجوشۈەن خىزمەت كومىتېتى دۈشمەن خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1944- يىلى يۈجوشۈەن بىرلەشمە ناھىيە قۇرۇلغاندا، بىرلەشمە ناھىيەلىك دۈشمەن خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. فېڭ جيەنپىڭ جەڭ قىلىشتا پاراسەتلىك، قەيسەر بولۇپ، بىرلىك سەپ دۈشمەن خىزمىتىنى ئىشلەشكە ماھىر ئىدى، دائىم دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ باندىتلارنى پارچىلاش، ليەنجۇاڭ، ۋېيدا يېزىسىدىكى خادىملارغا ئائىت خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، يۈشيەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمال تېغى، غەربىي شىمال تېغىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزانلار رايونى تايانچ بازىسىنى ئېچىش كۈرىشىدە قوشۇننىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. 1944- يىلى 12- ئايدا، خېبېي - چاخار رايونى 13- ۋىلايەتلىك پارتكومغا يۆتكىلىپ، دۈشمەن خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

ئازادلىق ئۇرۇشى داۋامىدا، چاخار ئۆلكىلىك ھەربىي رايون سىياسىي بۇسى ئالاقىلىشىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان، كېيىن 68- جۈن سىياسىي بۇسى دۈشمەن خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان.

1951- يىلى فېڭ جيەنپىڭ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىپ، 20- بىڭتۇەن مۇھاپىزەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1952- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى، فېڭ جيەنپىڭ بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 39 ياشتا ئىدى.

قەھرىمان ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھەربىي بولۇشتەك قەھرىمانلىق روھى ئۇ تۇغۇلغان، ئۇ ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇنبەت تۇپراقتا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنماقتا ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ