7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرى زىگۈي ناھىيەسى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى پۇتبول مەيدانىدا ئوينىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. يازلىق تەتىلدە، بالىلار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن ھوزۇرلاندى.(ۋاڭ خۇيفۇ فوتوسى)
7-ئاينىڭ 6-كۈنى، گۇيجۇۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ ـ دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دەنجەي ناھىيەسى ۋەندا بازىرىدا، جياڭسۇدىن كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى موم بىلەن بوياش ياساش ماھارىتىنى سىناپ كۆرمەكتە. (لۇ دېخۇا فوتوسى)
7-ئاينىڭ 6-كۈنى، گۇيجۇۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دەنجەي ناھىيەسى ۋەندا بازىرىدا، ئىككى ئوقۇغۇچى گۈل-گىياھ قەغىزى ياساش ماھارىتىنى سىناپ كۆرمەكتە. (كەيشاڭيۈ فوتوسى)
7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى بىڭجۇۋ شەھىرى بوشىڭ ناھىيەسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا كارنىۋال پائالىيىتىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماشىنا ئادەمنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشىنى تاماشا قىلماقتا. (چېن بىن فوتوسى)
7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەندۇڭ رۇڭچىڭ يېڭى ئەسىر شەھەر كىتابخانىسىدا، بالىلار ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان كىتابلارنى تاللىماقتا.(لى شىنجۈن فوتوسى)
7-ئاينىڭ 6-كۈنى، خېبېي تاڭشەن زۇنخۇا شەھىرىدىكى بىر بالىلار پائالىيەت مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار كىچىك دوستلار بىلەن بىرگە سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ئوت ئالدۇرۇش تەجرىبىسىنى ئىشلىمەكتە. (لىيۇ مەنساڭ فوتوسى)