شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى، 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەرگە قاراشلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەمدە ئۇلارغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپلەر قاتارلىق ئاممىۋى ئاپپاراتلار تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
لايىھەدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايونلۇق، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، تەشۋىق - تەربىيە، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، قانۇنچىلىقنى ئاساس قىلغان، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولىدىغان، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان، شەھەر، يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى يولغا قويۇش ۋە ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى شەھەرگە قاراشلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم ئۇلارغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپلەردە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن باشلاپ، ئەخلەتلەرنى مەجبۇرىي تۈرگە ئايرىش ئۆلچەم تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشخانا ئەخلەتلىرى، يىغىۋېلىشقا بولىدىغان نەرسىلەر، زىيانلىق ئەخلەتلەر، باشقا ئەخلەتلەر قاتارلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش، تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىش، تۈرگە ئايرىپ توشۇش، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويىدۇ ھەم ئەخلەتلەرنى مەجبۇرىي تۈرگە ئايرىشنى باشقا ئاممىۋى ئاپپاراتلار ۋە ئالاقىدار كارخانىلارغىچە تەدرىجىي كېڭەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشلامچى بولىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت قاتنىشىدىغان ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسئۇل تارماقلار ئۆزىگە قاراشلىق ساھەلەردىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۆزىگە قاراشلىق ساھەلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى ئىستاتىستىكىلاش، سېتىۋېلىش، تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەم تۈرگە ئايرىش ئاساسىي تىزىملىك دەپتىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.