لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئوت ئۆچۈرۈش سۇ پۈركۈگۈچىنى ئېلىپ ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا. (6-ئاينىڭ 19-كۈنى فوتوسى)
ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ئۇچىسىغا ئوت ئۆچۈرۈش كىيىمى كىيگەن ئەترەت ئەزاسى مانېۋىر تۈگىگەندىن كېيىن، سۇنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچمەكتە. (6-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىر جاۋ گې فوتوسى، خەۋىرى
6-ئايدىكى تارىم ئويمانلىقىدا، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 45 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ، ھاۋا ئىنتايىن قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. شىنجاڭ لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئوت ئۆچۈرۈش كىيىمى كىيگەن ئەترەت ئەزالىرى توغراقلىقتا يۈرمەكتە— ئۇلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا ئاسان يۈز بېرىدىغان ئورمان ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكچى.
ئەلى نىياز لوپنۇر ناھىيەلىك دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ ھەر بىر ئەزادىن بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى بۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ ئەترەت ئەزالىرى قىلغان، ئۇلارنىڭ يېشى 30 ياش ئەتراپىدا، بىلىم سەۋىيەسى يۇقىرى ھەم بەدەن سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى. ئەترەت ئەزالىرى ئادەتتە ئاساسلىقى ئورمان باشقۇرۇش ۋە پەرۋىش قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار باشقۇرىدىغان ۋە پەرۋىش قىلىدىغان رايوننىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 520 كىلومېتىر، جەنۇب-شىمال كەڭلىكى 240 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى يىلدا ئىككى قېتىم كەسپىي ئۆت ئۆچۈرۈش مەشىقى قىلىدۇ، ھەر ئايدا يەنە ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ. توغراقلىق تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا كەڭ تارقالغان بولغاچقا، بۇ خىل چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تارىم دەرياسى بىلەن قوشنا بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ «تاجاۋۇز» قىلىشىنى توسۇپ قالغان.
«توغراق، قۇملۇقنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان بىزدەكلەرگە نىسبەتەن، ھاياتىمىزغا ئوخشايدۇ، توغراق بولغاچقىلا، بىز ياشاۋاتقان بۇ بوستانلىق بار بولغان» دېدى ئەلى نىياز.
يەنە بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۈيى لوپنۇر ناھىيەسىگە يېتىپ كېلىدۇ. «بۇ چاغدا بىزنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بېسىمىمىز سەل يېنىكلەيدۇ، ئەمما توغراقلا بولىدىكەن، بىز ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر قۇملۇقتىكى بۇ قەھرىمان دەرەخلەرنى قوغدايمىز» دېدى ئەلى نىياز.