تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

يۈن باۋشەن: ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بەرگەن سانىتار

يۈن باۋشەننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 6- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ خاۋرەن) جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار مۇزېيىدا قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان بىر ھەربىيچە سۇدان تىزىقلىق بولۇپ، بۇ سۇداننىڭ ئىگىسى ئىلگىرى پىدائىي قىسىمدا سانىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىنقىلابىي قۇربان يۈن باۋشەن ئىدى. ئۇ ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇرۇش سېپىدە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، سۇداندىكى ئاغرىق توختىتىش جىددىي قۇتقۇزۇش سۈيىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىپ، تاكى قۇربان بولغىچە بىر تامچە سۇ ئىچىشكىمۇ قىيمىغان. ئۇنىڭ تىزىپ قويۇلغان تەۋەررۈكلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ياكى ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن ھۆرمەت بىلدۈرمەي قالمايدۇ.

يۈن باۋشەن 1930 - يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھىرى دۇڭجياۋ يېزىسىدىكى بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1949- يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشقان، 1951- يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1950- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمغا قاتنىشىپ، چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلغان، 1-، 2-، 3-، 4- قېتىملىق جەڭلەرگە ۋە 1951- يىلى ياز، كۈزدىكى ئىستىھكام مۇداپىئە جېڭىگە قاتناشقان، سانىتارلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئۇ، كۆپ قېتىم زىچ توپ - زەمبىرەك ئوتىغا قارىماي باتۇرلۇق بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزغان.

1951- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، يۈن باۋشەن تۇرۇشلۇق قىسىم بۇيرۇق بويىچە چاۋشيەن جياڭيۈەنداۋنىڭ تيېيۈەنجۈندىكى جۇڭماشەنگە ھۇجۇم قىلغان، يۈن باۋشەن زەربىدار پەيگە ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلغان. يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇنىڭ بىلىكى ۋە پاچىقى يارىلانغان، مۇئاۋىن ليەنجاڭ ئۇنى قايتىپ دەم ئېلىشقا بۇيرۇغاندا، ئۇ: «مەن سانىتار، ئالدىنقى سەپ ماڭا ئېھتىياجلىق» دەپ ئۇرۇش سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئايرىلمىغان. يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇۋاتقاندا، قورساق قىسمى يەنە ئېغىر يارىلىنىپ، ئۈچىيى چىقىپ قالغاندا، ئۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ ئۈچىيىنى قورسىقىغا تىقىپ قويۇپ، بىر قولى بىلەن قورسىقىنى تۇتۇپ، بىر قولىدا جىددىي قۇتقۇزۇش سۇدانىنى ئېلىپ، ناھايىتى تەسلىكتە ئالدىغا قاراپ ئۆمىلىگەن. سۇدانغا ئوق تېگىپ تېشىلىپ كېتىپ، ئازراقلا ئاغرىق توختىتىش، جىددىي قۇتقۇزۇش سۈيى قالغاندىمۇ ئىچىشكە قىيماي، سەپداشلىرىغا قالدۇرغان. ئۇ قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ تاغقا يامىشىپ چىقىپ، يەنە ئۈچ يارىدارنى قۇتقۇزغان. ئاخىرىدا يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 21 ياشتا ئىدى.

يۈن باۋشەن قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئارزۇسىغا ئاساسەن، 1951- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى تۇرۇشلۇق قىسىم پارتكومى ئۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1952- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى يۈن باۋشەننى ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىش ھەم «1- دەرىجىلىك قەھرىمان» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلغان. چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتى ئۇنىڭغا 1- دەرىجىلىك ئەسكەر شەرەپ ئوردېنىنى بەرگەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەنياڭ شەھەرلىك پارتكوم تارىخ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فەن شۇيۈن مۇنداق دېدى: «ئىنقىلابىي قۇربان يۈن باۋشەن جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمدىن چىققان 1- دەرىجىلىك قەھرىمان، ئەنياڭ خەلقىنىڭ پەخرى. ئۇنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمىتىگە سادىق بولۇش، باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق كۆرسىتىش، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇش، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق روھى مەڭگۈ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ شانلىق نامى ۋە ئىش ئىزلىرى جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت تارىخى، ھەربىي تارىخىدا خاتىرىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ