تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا جۇڭگو كوماندىسى ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە ئۈچ مەيدان يېڭىپ ئىككى مەيدان يېڭىلدى

  بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى رىقابەت ئاخىرلاشتى. جاڭ شۇەي 4كە قارشى 6، 0گە قارشى 6 نەتىجىدە 23-نومۇرلۇق ئۇرۇق ماھىر، فىرانسىيەلىك داڭلىق ماھىر گارسىيەنى يېڭىپ، ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىدە ئۇدا بەش مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك ئوڭايسىزلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىككىنچى ئايلانمىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن، جاڭ شۇەي لى فاڭ، لى نا، جېڭ جيې، پېڭ شۇەي ۋە ۋاڭ چياڭدىن كېيىنكى تۆت چوڭ مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئىككىنچى ئايلانمىغا كىرگەن يەنە بىر جۇڭگولۇق ئايال تېننىس توپ ماھىرى بولۇپ قالدى. كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىدە، جاڭ شۇەي سالاھىيەت مۇسابىقىسى ماھىرى ۋىكمايېر بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە، 15-نومۇرلۇق ئۇرۇق ماھىر ۋاڭ چياڭ 59 مىنۇتتىلا ئىككى قېتىملىق 2گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن لاپكونى يېڭىپ، ئىككىنچى ئايلانمىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشتى.

  ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىگە ئالتە قېتىم قاتنىشىپ تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش

  بۇ نۆۋەتلىك ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىدە جۇڭگولۇق ئايال تېننىس توپ ماھىرىدىن جەمئىي بەشى دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكى بويىچە رەسمىي مۇسابىقىگە بىۋاسىتە كىرگەن بولۇپ، ۋاڭ چياڭ بىردىنبىر ئۇرۇق ماھىر ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە 50-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان جاڭ شۇەي تۇنجى ئايلانمىدا 23-نومۇرلۇق ئۇرۇق ماھىر گارسىيە بىلەن مۇسابىقىلەشتى، بىراق، گارسىيەنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغاچقا، جاڭ شۇەي مۇسابىقىدە بۆسۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

  «مەن دائىم كۆپچىلىك يېڭەلمەيدۇ، دەپ قارىغان مۇسابىقىدە يېڭىمەن، ھەم دائىم كۆپچىلىك يېڭەلەيدۇ، دەپ قارىغان مۇسابىقىدە يېڭىلىمەن.» مۇسابىقىدىن كېيىن جاڭ شۇەي چاقچاق قىلىپ شۇنداق دېدى، «بۇ مەيدان غەلىبىنى ئۇزۇن ۋاقىت كۈتكەنىدىم، رىقابەتچىمنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىدە بىر مەيدان غەلىبىگە ئېرىشىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشسەم دەيمەن. بۈگۈن پەقەت رىقابەتچىمنى يېڭىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمدىن ھالقىدىم.» جاڭ شۇەي بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىدە ئۇدا مەغلۇپ بولغاندا: «بۇ ئۆمرۈمدە ھېچكىمنى يېڭەلمەيدىغان ئوخشايمەن» دېگەن ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىدىكى ئوڭايسىز ئەھۋالنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، جۇڭگولۇق ئايال تېننىس توپ ماھىرىدىن ئىككىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن جاڭ شۇەيدىن سىرت، جۇ لىن 2:0 نەتىجىدە 3-نومۇرلۇق ئۇرۇق ماھىر پىلىسكوۋاغا تەڭ كېلەلمەي قالدى. ۋىمبلېدون تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۈچ جۇڭگولۇق ماھىر مەيدانغا چىقتى، ۋاڭ چياڭ غەلىبە قازانغاندىن سىرت، ۋاڭ يافەنمۇ مارتىنكوۋانى يەڭدى، جېڭ سەيسەي باتتىغا يېڭىلىپ قالدى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ