تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«كارامەت زەمبىرەكچى» ۋاڭ خېڭ: زەمبىرەك ئوقىغا كۆز چىقىرىش

ۋاڭ خېڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 6-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ مىن) بۇ يىل 77 ياشقا كىرگەن ۋاڭ دېسەي ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ خېڭنىڭ جىيەنى، بوۋاي تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ۋاڭ خېڭنىڭ كونا سۈرىتىنى ئېلىپ چىقىپ، كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى: «5-تاغامنىڭ بىلىمى مول، نۇرغۇن جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن، جەڭدە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن، ئۇ ئائىلىمىزنىڭ پەخرى».

ۋاڭ خېڭ، يەنە بىر ئىسمى ۋاڭ خاۋفۇ، 1912-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى خېبېينىڭ رېنچيۇ شەھىرى شىنجۇڭيى بازىرى شىمالىي شىنجۇڭيى كەنتىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1930-يىلى، ۋاڭ خېڭ شەرقىي شىمال جياڭۋۇتاڭنى پۈتكۈزۈپ، شەرقىي شىمال ئارمىيەسىگە قاتناشقان. 18-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، شەرقىي خېبېي ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىدە شۆبە ئەترەت باشلىقى بولغان.

1937-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ خېڭ شەرقىي خېبېي ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەم 1938-يىلى 3-ئايدا 8-ئارمىيەگە قاتناشقان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 8-ئارمىيەنىڭ يىڭجاڭى، ئۇرۇش قىلىش سەنمۇسى، 8-ئارمىيە 3-زۇڭدۈيى قوشۇمچە ئوتتۇرا خېبېي ھەربىي رايونى 29-تۇەنىنىڭ سەنمۇجاڭى، سەنشى-چاخار-خېبېي ھەربىي رايونى 13-ھەربىي شۆبە رايونى 12-تۇەنىنىڭ سەنمۇجاڭى، رېخې-لياۋنىڭ زۇڭدۈي ئارىلاشما لۈسىنىڭ لۈجاڭى، خېبېي-رېخې-لياۋنىڭ ھەربىي رايونى 16-شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان، كېيىن قوشۇمچە جىڭجوۋنى قوغداش سىلىڭبۇسىنىڭ سىلىڭيۈەنى بولغان؛ خېبېي-چاخار-رېخې-لياۋنىڭ ھەربىي رايونى زەمبىرەكچىلەر لۈسىنىڭ مۇئاۋىن لۈجاڭى، شەرقىي شىمال زەمبىرەكچىلەر سىلىڭبۇسى 1-قوماندانلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 4-دالا ئارمىيەسى ئالاھىدە ئەسكەرلەر سىلىڭبۇسى زەمبىرەكچىلەر 1- شىسىنىڭ 1-مۇئاۋىن شىجاڭى، زەمبىرەكچىلەر 8- شىسىنىڭ شىجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1949-يىلى ئەتىيازدا، ۋاڭ خېڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى زەمبىرەكچىلەر 25-تۇەنىنى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ، خېڭياڭ - باۋچىڭ جېڭىگە قاتناشقان، قالدۇق دۈشمەننى گۇاڭشىغىچە قوغلاپ يوقىتىپ، جەڭدە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن.

1950-يىلى، ۋاڭ خېڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىغا قاتنىشىپ چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇش قىلغان، پىدائىي قىسىم زەمبىرەكچىلەر 8- شىسىنىڭ شىجاڭى بولغان، قىسىمنى باشلاپ 1-، 2-، 3-، 4-، 5-قېتىملىق جەڭلەرگە ۋە ئىستىھكام مۇداپىئە جېڭىگە قاتنىشىپ، دۈشمەنگە توسۇپ زەربە بېرىش، دۈشمەننى ئوت كۈچى ئارقىلىق بېسىش قاتارلىق يۇقىرى تاپشۇرغان جەڭ ۋەزىپىلىرىنى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، پىيادە قىسىملارنىڭ جەڭ قىلىپ دۈشمەننى يوقىتىشىغا كۈچلۈك ياردەم بەرگەن.

جەڭدە، ۋاڭ خېڭ ئەسلىدىكى جەڭ قىلىش شەكلىنىڭ يېڭى ئۇرۇش مۇھىتىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جەڭدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، جەڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۇتۇش قىلىپ، قىسىمدا تەرتىپكە سېلىش، تەلىم بېرىشنى قانات يايدۇرغان. تەرتىپكە سېلىش، تەلىم بېرىش جەريانىدا ئۇ شى سىلىڭبۇسىغا خەرىتىدىن پايدىلىنىپ قارىغا ئېتىش ۋە تاغدا قارىغا ئېتىش تۇيۇقسىز ھۇجۇم مەشىقىنى تەشكىللەشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كېچىدە قارىغا ئېتىشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن. كېچىلىك ھەربىي يۈرۈش مەشىقى قىلغاندا، پەلەمپەيسىمان ئازايتىش، ئارىلىقنى كېڭەيتىش ۋە قاتناش قاراۋۇللىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىسىمنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى ئازايتقان. مانېۋىردا قاتتىق نىقابلىنىشنى يولغا قويۇپ، زەمبىرەكنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇشتۇمتۇت تېز سۈرئەتتە توپقا تۇتۇپ، دۈشمەننىڭ زەربىدار جىتۇەنىگە زەربە بەرگەن.

1951-يىلى 7-ئايدا، ۋاڭ خېڭ قىسىمنى باشلاپ تەرتىپكە سېلىش، تەلىم بېرىشنى قانات يايدۇرغان مەزگىلدە جىددىي كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ھەم كېزىككە گىرىپتار بولۇپ، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 23تە بەختكە قارشى قازا قىلغان، شۇ يىلى ئۇ 39 ياشتا ئىدى.

ئەينى چاغدا توپچىلار 1-شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان لياڭ بىڭ مۇنداق دېدى: «شىجاڭ ۋاڭ خېڭ مەيلى خۇاڭخېدىن ئۆتۈش، چاڭجياڭدىن ھالقىش، شياڭجياڭدىن ئۆتۈشتە بولسۇن، خېڭياڭ-باۋچىڭ جېڭىگە قاتنىشىش ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا دۈشمەنگە گۇاڭشىغىچە قوغلاپ زەربە بېرىشتە بولسۇن، ھەممىلا جايدا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇ مەڭگۈ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ياد ئېتىشىمىزگە ئەرزىيدىغان قەھرىمان».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ