تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىشنى تېزلىتىش» تېز ئالغا سىلجىتىلدى

يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار كېڭەيتىلدى      دۆلەت يولى، ئۆلكە يوللىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

«شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىشنى تېزلىتىش» تېز ئالغا سىلجىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

6- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتە، فۇكاڭ شەھىرى تەۋەسىدە قۇياش يەر - جاھاننى ئوتتەك قىزدۇرۇپ تۇراتتى، كەڭ دالىدا تۇرغاندا تومۇز ئىسسىقنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولاتتى. يېيىتىش ماشىنىسىنىڭ ئاسفالتنى تەكشى، سىلىق يېيىتىۋاتقىنىغا قاراپ تۇرغان بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G7)نىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى داخۇاڭشەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىدىكى يولنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى سۇ دەن ناھايىتى مەمنۇن بولۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ھاۋارايى ئاسفالت يېيىتىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، بىز چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش قىلىپ، تىرىشىپ 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاشنى قولغا كەلتۈرىمىز».

يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار كېڭەيتىلىپ ئۆزگەرتىلدى، دۆلەت يولى، ئۆلكە يوللىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، سۈرئەت تېزلىتىلدى، يېڭىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار ياسالدى... مۇخبىرنىڭ زىيارەت داۋامىدا ئىگىلىشىچە، بۇ يىل «1- ئۆكتەبىر»نىڭ ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپلىگەن تاشيول تۈرىدە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملاپ ياكى پۈتكۈزۈپ قاتناش باشلاپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىشنى تېزلىتىش»نىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىدىكەن.

 شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان چوڭ تومۇر كېڭەيتىلدى

ئۇزاقتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چوڭ لىنىيەسىدىن پەقەت ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)لا بار ئىدى، 2017- يىلى، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G7)دا قاتناش باشلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭغا تېز كىرىپ - چىقىدىغان بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول يېڭىدىن كۆپەيدى. لېكىن بۇ ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىنىڭ ئىشلىتىلگىنىگە كۆپ يىل بولغاچقا، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، قاتناش مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، «قاتنىغىلى بولسىمۇ راۋان بولماسلىق» ئەھۋالى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئىبارەت «چوڭ جان تومۇر» راۋان بولمىسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش تۈرى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30) نىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى پارچىساغالدىن ئۈرۈمچىگىچە، ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنگىچە، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G7)نىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى داخۇاڭشەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان تۈرىنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى تۆت ئاپتوموبىل يولىدىن سەككىز ئاپتوموبىل يولىغا كېڭەيتىلىدىكەن. 9- ئاينىڭ ئاخىرى، ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنگىچە، داخۇاڭشەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىدە قاتناش باشلىنىدىكەن، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىش قاتناش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىكەن.

ياز پەسلى دەل تاشيول قۇرۇلۇشى قىلىدىغان ياخشى پەسىل، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى «كۈچەش» باسقۇچىغا كىردى، «پۈتۈن لىنىيەدە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئورۇنلار ئىسمېنا قوشۇپ مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن تاماملاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ تاشيول بۆلىكىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ھەر كۈنلۈك قاتناش ئىقتىدارى ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشىدۇ» دېدى تۈرنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ليۇ شىنيا.

 ھالقىسىمان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى شەكىللەندى

«دۆلەت يولى، ئۆلكە يولىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ يىل قۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 29 مىڭ كىلومېتىرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلەت يولى غول لىنىيەسىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، جۇڭغار ۋە تارىمدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئويمانلىقنى ئايلىنىدىغان ھەم كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيول قاتناش تورى شەكىللەندى.

«ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، «تېزلىتىش» خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى «تېزلىتىش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت يولى، ئۆلكە يولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرىدە ئىش باشلاپ، ھالقىسىمان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

G216 لىنىيەسىنىڭ كۆكتوقايدىن ۋۇسەيۋەنگىچە بولغان تاشيول تۈرى ھالقىسىمان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنىڭ بىر قىسمى، بۇ تۈردە قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى 1- دەرىجىلىك تاشيولنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان بولۇپ، ھازىرقى دۆلەت يولى 216- لىنىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا قاتناش شارائىتى تېخىمۇ ياخشى، نۆۋەتتە يول يۈزىنى يېيىتىش ھەم قاتناش قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ. شۇ چاغدا، بۇ تۈر ياسىلىۋاتقان ئالتاي - كۆكتوقاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ھەم ھازىر بار بولغان ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، كۈيتۈن - ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن ھالقىسىمان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى شەكىللىنىدۇ، شىمالىي شىنجاڭ ھالقىسىمان تاشيولى بارا - بارا يۇقىرى سۈرئەتلىشىشكە يۈزلىنىپ، «قاتنىغىلى بولسىمۇ تېز بولماسلىق» مەسىلىسى تارىخقا ئايلىنىدۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭدا، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز G315 لىنىيەسىدىكى يېتىمبۇلاقتىن چاقىلىققىچە، چاقىلىقتىن نىيەگىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ، G0711 ئۈرۈمچى - كورلا (لوپنۇر) يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىنى باشلايدۇ، G3012 قەشقەر (يېڭىشەھەر) - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىمۇ بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىمۇ تېز سۈرئەتتە شەكىللىنىۋاتىدۇ.

 مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈش سەپەرنى تېخىمۇ ئازادە قىلدى

نۇرغۇن تاشيول تۈرلىرى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇۋاتقان ۋە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقاندا، يول بويىدىكى مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭمۇ سۈپىتى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ.

مۇخبىر بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G7)نىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى داخۇاڭشەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تاشيول تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، يېيىتىش ماشىنىسى، يول چىڭداش ماشىنىسى قاتارلىق ماشىنىلارنىڭ ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى، لىنىيە بويىدىكى ئىككى مۇلازىمەت رايونىدا جىددىي ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى − مۇلازىمەت رايونى ئۇنىۋېرسال بىناسى ھەم قوشۇمچە ئىشلىتىدىغان ئۆينىڭ ئۇل ئازگىلىنى كولاش مەشغۇلاتى ھەم ئۇلنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقىنى كۆردى.

سۇ دەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىن، فۇكاڭ مۇلازىمەت رايونى ۋە داخۇاڭشەن مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە كېڭىيىدۇ، مۇلازىمەت رايونى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مۇلازىمىتىگە بوشلۇق قالدۇرۇلىدۇ، مەسىلەن، يېمەك - ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق سورۇنلار بولۇپ، ئۆتكەن - كەچكەن ئاپتوموبىللارغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يەنە 16 ئادەتتىكى دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيەسىدىكى مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاجەتخانا تېپىشى قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىدۇ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ETC (ئاپتوموبىل توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش سىستېمىسى) ئورنىتىش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ETC مۇئامىلىدارلىرىغا %5تىن ئاز بولمىغان ئاپتوموبىل يول يۈرۈش ئېتىبارى بېرىپ، يىل ئاخىرىغا بارغاندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ETC ئورنىتىش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇرۇشقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قاتنىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ETCنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل توختاتماي تېز ھەق ئېلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەيدۇ.

ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيولىدا قاتنىغاندا، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ساياھەت قىلىشى ئازادە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ راۋان بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس. «بىز لايىھەلىگەندە ETC ھالقىسىنى ئويلاشتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن، ETC ئورناتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتنىشى تېخىمۇ قولاي بولىدۇ» دېدى سۇ دەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ