تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

1- دەرىجىلىك خەلق قەھرىمانى چېن دېجۇڭ: كۆزگە كۆرۈنگەن رازۋېدكا قەھرىمانى

ئىنقىلابىي قۇربان چېن دېجۇڭنىڭ رەسىمى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان) (شېنياڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى تەمىنلىگەن)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 6- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ جىلۇڭ) لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ دەندۇڭدىكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش جەريانىدا قۇربان بولغان 264 ئىنقىلابىي قۇربان ئىچىدە، ئىككى نەپەر 1- دەرىجىلىك خەلق قەھرىمانى قەبرىستانلىق ئىچىگە دەپنە قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى شەرەپتىكى ئىنقىلابىي قۇربان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى شەندۇڭ لىنچۈدىن كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن رازۋېدكا قەھرىمانى چېن دېجۇڭ.

چېن دېجۇڭ، 1924- يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنچۈ ناھىيەسى لۇڭگاڭ بازىرى (ھازىرقى شەنۋاڭ بازىرى) داليۇشۇگوۋ كەنتىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1944- يىلى، چېن دېجۇڭ ئىنقىلابقا قاتناشقان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشقان.

1950- يىلى 6- ئايدا، ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ئۆكتەملىك بىلەن چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. چېن دېجۇڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمغا ئەگىشىپ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلغان، 229- تۇەننىڭ رازۋېدكا سەنمۇسى بولغان. 1951- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئامېرىكا تاجاۋۇزچى ئارمىيەسىنىڭ 25- شىسى شىمالىي خەنجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شىمالغا بېسىپ كىرگەن. چېن دېجۇڭ دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگىلەش، يولنى رازۋېدكا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان. 3- ئاينىڭ 14- كۈنى، چېن دېجۇڭ رازۋېدكا شۆبە ئەترىتىنى باشلاپ خەنجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى رايونغا بارغان. ئۇ ھەرىكەتچان، جانلىق توسۇپ زەربە بېرىش، يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىش، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، 100دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان، ئەسىرگە ئالغان ھەم قومانداننىڭ ئۇرۇش قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن قىممەتلىك ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن.

1951- يىلى 3- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رېنساڭلىنىڭ شىمالىي يان تەرىپىدە، چېن دېجۇڭ قىسىمنى باشلاپ دۈشمەنگە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىپ، 16 دۈشمەننى يوقىتىش، بىر دۈشمەننى ئەسىرگە ئېلىشتەك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 4- ئاينىڭ 10- كۈنى كېچىدە، يەنە رازۋېدكىچىلارنى باشلاپ خەنتەنجياڭ دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، دۈشمەن ئىچكىرى رايونىنىڭ 15 كىلومېتىر جايىدىكى شىتوۋچۇەنگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، 30 نەچچە دۈشمەننى يوقاتقان، دۈشمەننىڭ 30 نەچچە تانكىسى ۋە ئۈچ جىپ ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، چېن دېجۇڭ شى رازۋېدكا 2- ليەنىنىڭ ليەنجاڭلىقىغا يۆتكەپ تەيىنلەنگەن. 4- ئاينىڭ 17- كۈنى كېچىدە، چېن دېجۇڭ تۇنجى قېتىم رازۋېدكا 2- ليەنىدىكى يولداشلارنى باشلاپ، شيېتىڭلى تېغىدىكى دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ پوتەينى ئىشغال قىلىپ، 50 نەچچە دۈشمەن ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان.

چېن دېجۇڭ رازۋېدكىچىلارنى باشلاپ، «38- پاراللېل»نىڭ جەنۇبىدىكى دۈشمەننىڭ ئالدىنقى سەپ رايونىدا گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولۇپ، دۈشمەننى ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندە قىلغان ۋە ئەسىرگە ئالغان. 4- ئاينىڭ 22- كۈنى پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتكەن بىر كۈن بولۇپ، رازۋېدكا 2- ليەنى بۇيرۇق بويىچە 230- تۇەننىڭ ھۇجۇمىغا ماسلىشىپ، دۈشمەننىڭ تايانچ پونكىتى گۇلىڭشەننى ۋەيران قىلغان ھەم يان قاناتتىكى دۈشمەن ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، دوست ئارمىيەنىڭ يان قانىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. شۇ كۈنى كېچىدە، چېن دېجۇڭ رازۋېدكىچىلارنى باشلاپ، شاڭشۈدۇڭدىن ئاتلىنىپ، گۇلىڭشەنگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، دۈشمەن 17 جەسەتنى تاشلاپ رەسۋا بولۇپ قېچىپ كەتكەن، پىدائىي قىسىم گۇلىڭشەننى ئىشغال قىلغان.

قەھرىمان چېن دېجۇڭ ۋە ئۇ باشلامچىلىق قىلغان رازۋېدكىچىلار دۈشمەننىڭ يىرتقۇچلار ئۇۋىسىدا گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولۇپ، بەش قېتىم جەڭ قىلىپ، بەش قېتىم غەلىبە قىلىشتەك جەڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان.

پىڭكاڭ، جىنخۇا، خۇەيياڭ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، چېن دېجۇڭ رازۋېدكىچىلارنى باشلاپ دۈشمەننىڭ بىر ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغان، يەتتە دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، پىدائىي قىسىمدىن بىرمۇ ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىمىغان. 1951- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى، چېن دېجۇڭ قىسىمنى باشلاپ دۈشمەنگە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بەرگەن ۋاقىتتا، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى 27 ياشتا ئىدى. پىدائىي قىسىم رەھبەرلىك ئورگىنى يولداش چېن دېجۇڭنىڭ ئىنقىلابقا قوشقان ئاجايىپ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئالايىتەن ئۇنى 1- دەرىجىلىك خەلق قەھرىمانى دەپ ئېتىراپ قىلغان.

قەھرىمان قۇربان بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئالىيجاناب روھى يەنىلا كېيىنكىلەرنى ئىلھاملاندۇرماقتا. چېن دېجۇڭنىڭ جىيەن كۈيۈئوغلى جاڭ چۈەندۇڭ ھازىر داليۇشۇگوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. جاڭ چۈەندۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز سانسىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن، بىز جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. «داليۇشۇگوۋ كەنتى ئۆلكە بېكىتكەن نامرات كەنت ئىدى، ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بىز جەزمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، پۇقرالارنى بېيىتىپ، قەھرىمان، قۇربانلارنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇشىمىز كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ