تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا يېڭى بارار جاي قوشۇلدى

6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرىنىڭ ئۆرۈك سارىيىدا، يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن سەمەت ئۆرۈكىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرىدىكى «ئانار دەرىخى» ئاستىدا شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە مەدەنىيىتىنى ھېس قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 28-كۈنى، جېجياڭ نىڭبودىن كەلگەن ساياھەتچى پەن پىڭ (سولدىن 2-كىشى) دوستلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرىدىكى «باققال ئوچىقى» ئالدىدا مېۋە-چېۋىلەرنى تېتىماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى): دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بارىدىغان جايدىن يەنە بىرى كۆپەيدى، بۇ يەر چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرى.

6-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قۇرۇق، ھۆل مېۋىلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە مەدەنىيىتى، سەھرا مەنزىرىسى قاتارلىقلارنى ھېس قىلالايدۇ.

شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرىنىڭ تىجارەت كۆلىمى 2500 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۈزۈم سارىيى، ئالما سارىيى، چىلان سارىيى، قوغۇن-تاۋۇز سارىيى، ياڭاق سارىيى، نەشپۈت سارىيى، جىغان سارىيى، ئۆرۈك سارىيى قاتارلىق 12 ئاساسىي تېما سارايلىرىغا شىنجاڭنىڭ 100 خىلدىن ئارتۇق خاس مېۋە-چېۋە، قۇرۇق مېۋە ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتلار توپلانغان.

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرىدا شىنجاڭنىڭ خاس قۇرۇق مېۋىلىرىنى سېتىۋالماقتا.

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرىدىكى چىلان سارىيىدا چىلان سېتىۋالماقتا.

ساياھەتچىلەر باققال ئوچىقى، ئۈزۈم قۇرۇتۇش ئۆيى، خاس توپا تام، قۇملۇقتىكى يۇلغۇن، ئاۋات بازار، باغ-ۋاران، ئېتىز-ئېرىق قاتارلىقلاردىن شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەرنى تېتىپ، تاللاپ سېتىۋالالايدۇ.

شىنجاڭ جياڭگو بازار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جاڭ جۈنخۇا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرى مەدەنىيەت، ساياھەت، كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان شىنجاڭ بويىچە قۇرۇق، ھۆل مېۋىلەرنى ھېس قىلىش دۇكىنى بولۇپ، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى بازىدىن بىۋاستە سېتىۋېلىنغان، شۇنداقلا جايلاردىكى يېزا باغ-ئورمانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلار بىۋاستە تەمىنلىگەن. چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشتىكى مۇھىم نىشان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆرگەزمە قىلىش ۋە كېڭەيتىشتىكى ناھايىتى ياخشى كۆزنەك بولالايدۇ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشى قۇرۇق، ھۆل مېۋىلەرنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى خېرىدارلارغا نامايان قىلالايدۇ.

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرىدىكى «باققال ئوچىقى» ئالدىدا مېۋە-چېۋىلەرنى تېتىپ كۆرمەكتە.

6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرىدىكى خاس توپا تام ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

جېجياڭ نىڭبودىن كەلگەن ساياھەتچى پەن پىڭ دوستلىرى بىلەن بىللە «باققال ئوچىقى» ئالدىدا مېۋە-چېۋىلەرنى تېتىپ كۆرگەچ مۇنداق دېدى: «بىز مەخسۇس تاۋۇز-قوغۇن يېگىلى كەلگەن، ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى ئىكەن، بىزگە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلدى، كېلەر قېتىم يەنە كېلىمىز».

شۇ كۈنى، شاڭخەيلىك ساياھەتچى جاڭ گوچۈن قاتارلىق 6 ئاچا-سىڭىل قەشقەردىكى ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا كېلىپ، دەل شىنجاڭ مېۋە-چېۋە بازىرىنىڭ تىجارەت باشلىشىغا توغرا كېلىپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېۋە-چېۋە بازىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىكەن، ئۆيگە قايتقاندا بىز شىنجاڭنىڭ چىلىنى، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىۋالىمىز. بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم، مەن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل جاينى ياخشى كۆرۈپ قالدىم!»

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ