تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

يۈ چيۇچىڭ: ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە قىلىپ، كەينىمگە يانمايمەن

ئىنقىلابىي قۇربان يۈ چيۇچىڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېنياڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى تەمىنلىگەن)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 6- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ ميەن) «مەن ھاياتىمدا ئىنقىلاب ئۈچۈن 20 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلدىم، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا ئۆلۈپ كەتسەم ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ئۆلگەن بولىمەن، ئۆلۈمۈم ئورۇنلۇق بولىدۇ. سىلەر ئائىلىمىزدىكى نەچچە ئەۋلاد تارتقان جاپا ۋە ئازابلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، بۈگۈن ئۆز ئىشىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خوجايىنى بولغاندا، ئەۋلادلارغا تەربىيە بېرىشنى ئۇنتۇماڭلار، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار، ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە قىلىپ، كەينىگە يانماڭلار.» بۇ، ئىنقىلابىي قۇربان يۈ چيۇچىڭنىڭ قۇربان بولۇش ئالدىدا يازغان خېتىدە خوتۇنى ۋە ئىنىسىغا تاپىلىغان بىر ئابزاس سۆزى.

يۈ چيۇچىڭ، 1913- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى پىڭجياڭ ناھىيەسىنىڭ ئەسلىدىكى شيېجياڭ يېزىسى شيېجياڭ كەنتىدىكى شىنۋۇلىدا تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدىن باشلاپ پومېشچىكنىڭ كالىسىنى بېقىپ، بىر يىلدا ئاران ئىككى يۈەن كۈمۈش تەڭگە ئىش ھەققى ئالغان، يەنە دائىم پومېشچىكنىڭ ئۇرۇپ تىللىشىغا ئۇچرىغان. ئادالەتسىز زامان ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىنى نابۇت قىلغاچقا، ئادەم يەيدىغان ئاشۇ جەمئىيەتكە قاتتىق غەزەپلەنگەن.

1930- يىلى، يۈ چيۇچىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە پائال ئاتلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كالا باققۇچى بالىدىن يىللىقچى بولغانغا قەدەر، پومېشچىكلارنىڭ ئېزىشىگە ئۇچراپ تارتقان كۈلپەتلىك كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق پومېشچىكلارنىڭ ئەمگەكچى خەلقنى ئالدىغانلىقى، ئەزگەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق چوڭقۇر پاش قىلغان، شىنۋۇلىدىكى ئامما تەدرىجىي ئويغىنىپ، بەس - بەستە ئىنقىلابىي كۈرەشكە ئاتلانغان.

شۇ يىلى 7- ئايدا، يۈ چيۇچىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ھەم خۇنەن - خۇبېي - جياڭشى مۇستەقىل شىسىغا قاتناشقان. 1933- يىلى 8- ئايدا، قىزىل 16- جۈن قىزىل 16- شى قىلىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن، يۈ چيۇچىڭ 47- تۇەندە ئالاھىدە ۋەزىپە باشلىقى بولغان. 1934- يىلى، قىزىل 16- شى بىر قېتىملىق جەڭدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، قىسىمنىڭ تەمىناتى قىيىنچىلىقتا قالغان. 47- تۇەننىڭ تەمىنات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۈ چيۇچىڭ دۈشمەن قاتتىق قامال قىلىۋاتقان خەتەرلىك ئەھۋالدا، كۆپ قېتىم بىرنەچچە تەمىنات خادىمىنى باشلاپ، دۈشمەننىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاشلىقنى قولغا چۈشۈرۈپ، قىسىمنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان.

1937- يىلى 9- ئايدا، يۈ چيۇچىڭ يېڭى 4- ئارمىيەنىڭ خىزمەتچى خادىمىلىق سالاھىيىتى بىلەن جيايى بازىرىدا تۇرغان. يۈ چيۇچىڭ پارتىيەنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەكتەپ ئېچىپ، ئىدىيەسى ئىلغار ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنى قوبۇل قىلىپ، مىللىي بىرلىك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش تەربىيەسى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلارنى ئىنقىلاب يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىگەن.

1938- يىلى، يۈ چيۇچىڭ «خەلق تۇرمۇشى ئەترىتى»دىكى ئىلغار ياشلارنى باشلاپ، يېڭى 4- ئارمىيەگە قاتنىشىپ، جياڭنەندىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلانغان. 1941- يىلى جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، 1- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى كەسكىن جەڭدە، يۈ چيۇچىڭ ئېغىر يارىلىنىپ، بۇيرۇققا بىنائەن شۇ جايدىكى بىر پۇقرانىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇنۇپ داۋالانغان. يارىسى ساقايغاندىن كېيىن، يۈ چيۇچىڭ پارتىيەنىڭ خەلق ھەرىكىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن دەريادىن ئۆتۈپ، شىمالىي ئەنخۇيدىكى يېڭى 4 - ئارمىيە تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ بارغان. ئۇزاق ئۆتمەي، يۈ چيۇچىڭ يېڭى 4- ئارمىيە 6- شى 16- لۈ 47- تۇەنىگە قوشۇلغان، ئارقىدىن جەنۇبىي جياڭسۇدىكى مەشھۇر «خۇاڭجىن تېغىدىكى ئۈچ جەڭدە ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلىش» جېڭىگە قاتناشقان.

ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يۈ چيۇچىڭ 20- جۈن ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1951- يىلى 5- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئېغىر يارىلىنىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان، شۇ يىلى 38 ياش ئىدى.

پىڭجياڭ ناھىيەلىك تارىخ - تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى لى شۇاڭلۇڭ مۇنداق دېدى: «مەيلى يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا بولسۇن ياكى ئازادلىق ئۇرۇشىدا بولسۇن، يولداش يۈ چيۇچىڭ باشتىن - ئاخىر قان كېچىپ جەڭ قىلغان ھەم كۆپ قېتىم يارىلانغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ تەشكىلنىڭ دەم ئېلىش توغرىسىدىكى غەمخورلۇقىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىنى نامايان قىلغان».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ