شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ شياۋخۇڭ، يەن چىلېي) «60 نەچچە يىل ئىلگىرى، يولداش لى دىسەن 130 نەچچە ئەجدادنى باشلاپ شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى ئېگىزلىككە ئىلگىرىلەپ كىرىپ، شىزاڭ ئالىدىكى بۇ <ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون>نى غەلىبىلىك ئازاد قىلغانىدى.» شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ماشىنىلاشقان پىيادە ئەسكەرلەر تۇەنىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى يېقىندا تۇەن تارىخى سارىيىغا كىرىپ، «خەلق تۆھپىكارى لى دىسەن» دېگەن يەتتە چوڭ خەت ئويۇلغان مىس ھەيكەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ قەھرىمانلار، قۇربانلارنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىنى قايتا ئەسلەپ، مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلدى.
لى دىسەن ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ تۇەن گەرچە نەچچە قېتىم تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما لى دىسەن قاتارلىق ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىق روھى ئىزچىل تۈردە كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىدىكى «ئەڭگۈشتەر» «يول باشلىغۇچى ماياك» بولۇپ كەلدى.
لى دىسەن، خېبېي ۋۇجىدىن، 1938- يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى پەيجاڭ، جىداۋيۈەن، گۇجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئىلگىرى يەنئەننى قوغداش جېڭى ۋە چوڭ غەربىي شىمالنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ جەڭ قىلغان، توققۇز قېتىم يارىلىنىپ، ئۈچ قېتىم شەرەپ بىلەن چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن.
1950- يىلى 8- ئايدا، لى دىسەن شىزاڭغا كىرىشكە ئالدىن ئەۋەتىلگەن ليەننى باشلاپ شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى ئالى ئېگىزلىكىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. كوماندىر - جەڭچىلەر پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئاسرىغان، ئازادلىق ئارمىيە بارغانسېرى كۆپ زاڭزۇ قېرىنداشنىڭ ئىشەنچىسىگە، قوللىشىغا ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، ئالدىن ئەۋەتىلگەن ليەنگە يۇقىرىدىن «شىزاڭغا ئالدىن ئەۋەتىلگەن قەھرىمان ليەن» دەپ شەرەپلىك نام بېرىلىپ، پۈتۈن ليەندىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ھەربىرى بىر قېتىم چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن، دەپ ئەنگە ئېلىنغان.
جاماماڭباۋغا كىرىپ جايلاشقاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىكى ھەممە جاينى قاپلىغان قار - شىۋىرغان ئالدىن ئەۋەتىلگەن ليەننىڭ ئارقا سەپ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويغان. ئېگىزلىكنىڭ مۇھىتى ناچار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىق، تۇز كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن ئېغىر ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، لى دىسەن بىلەن نۇرغۇن كوماندىر - جەڭچى ئېگىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، 63 نەپەر كوماندىر - جەڭچى قارلىق ئېگىزلىكتە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن.
لى دىسەننىڭ كېسىلى كۈنسېرى ئېغىرلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ كېچە - كۈندۈز دېمەي تۆت خىزمەت خاتىرىسىنى رەتلەشنى داۋاملاشتۇرغان، ئۇنىڭغا شىزاڭغا كىرگەندىن بۇيانقى توپلىغان ئېگىزلىكتە ئۇرۇش قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر قاتارلىق قىممەتلىك ماتېرىياللار تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. 1951- يىلى 5- ئايدا، لى دىسەننىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. سەھىيە خادىمى ليەندۈيدە قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال پېنسىلىننى ئۇنىڭغا ئوكۇل قىلىپ سالماقچى بولغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن باشقا ئاغرىقلارغا قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، پارتىيە ياچېيكىسى ياچېيكا يىغىنى ئېچىپ قارار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بەش قولغا قاراپ، ئۇ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ كۆپچىلىكتىن مۇنداق ئۆتۈنگەن: «كېسىلىم ئۆزۈمگە ئايان، دورىنى ئىسراپ قىلماڭلار، ئۇنى ئەڭ ئېھتىياجلىق يولداشقا قالدۇرۇڭلار!» ئۇ ئەڭ ئاخىر ئاشۇ پېنسىلىننى ئىشلەتمىگەن.
5- ئاينىڭ 28- كۈنى، كەينىدىن كەلگەن قىسىم ئالدىن ئەۋەتىلگەن ليەن بىلەن ئۇچراشقان. لى دىسەن ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى ئىشلىتىپ، خاتىرىنى قىسىمغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن خاتىرجەم كۆزىنى يۇمغان، شۇ يىلى ئەمدىلا 38 ياشتا ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يۇقىرىدىن ئۇنىڭغا «خەلق تۆھپىكارى» دېگەن شەرەپلىك نام تولۇقلاپ بېرىلگەن.
«بىر قىسىمنىڭ ئەنئەنىسىگە تومۇرداش بولۇپ ۋارىسلىق قىلغاندىلا، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ.» بۇ تۇەننىڭ ھازىرقى جېڭۋېيسى پۇ چېڭدۇڭ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى يېڭى ئەسكەرلەر گازارمىغا كەلگەندە، 1- دەرسى <خەلق تۆھپىكارى>نىڭ ياخشى ئىزباسارى بولۇش، 1- مەيدان پائالىيىتى تۇەن تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ھەم لى دىسەننىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىدا قەسەم بېرىش.» قەھرىمانلار روھىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى، يېتەكلىشىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ قىسىم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، خەلقئارا ھەربىي مۇسابىقە، ئەمەلىي مانېۋىر قاتارلىق ۋەزىپىلەردە نۇرغۇن ئەلا نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.