تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئاپتونوم رايونىمىز «يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللاردىن تەڭ پايدىلىنىپ» ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلدى

ئەسلىھە ئۆلچىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

6- ئاينىڭ 23- كۈنى، سايرام كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، چېڭدۇ جۇڭكې داچى يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ شياڭشۇ بىلەن خىزمەتداشلىرى چىراينى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئاخىرقى قېتىم تەڭشەۋاتاتتى، ئاي ئاخىرىدا ساياھەتچىلەر چىراينى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرەلەيدۇ. شۇ چاغدا، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى قەغەز ئىشىك بېلىتى بىلەن خوشلىشىپ، ئاقىل ساياھەت دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.

قاتناشتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىش، يانداش ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاقىل ساياھەتنى ئالغا سىلجىتىش... ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىياتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇل ئەسلىھە ئۆلچىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللاردىن تەڭ پايدىلىنىپ» ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى خۇشال، ئازادە ئويناش شارائىتىغا ئىگە قىلدى.

ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلاشتى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى نۇرغۇنلىغان مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى، قانداق قىلغاندا ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش جەھەتتە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بارلىق ياخشى چارىلىرىنى قوللاندى.

«جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس بېلىتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىككى كۈن، ساياھەتچىلەر شۇ يەردە قونسا بولىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ جامبۇلاق ساياھەت رايونىدا قانغۇدەك ئويناش ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول، يولۇچى - يۈك تىرانسپورت مۇلازىمەت مەركىزى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بېكەت باشلىقى ۋاڭ فۇگو.

6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتى تۇرپاندىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىغا، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس لىنىيەسىنى ئاچتى، ساياھەتچىلەر سەپەر جەريانىدا ئاپتوبۇس ئالماشمايلا نەگە بېرىپ ئوينىغۇسى كەلسە شۇ يەردە ئاپتوبۇستىن چۈشسە بولىدۇ. مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس تارقاق ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىپ سەيلە قىلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

شىنجاڭ تۆمۈريولى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەپ، يېڭىدىن 18.5 جۈپ ئوق پويىز قوشىدۇ. يۈرۈش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئىچىدىكى پويىزلارنىڭ قاتنىشى تېخىمۇ جانلىق بولىدۇ، ئوق پويىزنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى، پويىز قېتىمى ھەم يېتىپ بېرىش ۋاقتىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۆزگىرىش بولىدۇ، ھەم ھەپتە ئاخىرىدىكى ئوق پويىزى كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» بارغانسېرى قولايلاشتى.

يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى رايون دائىرىلىك «ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاپتوبۇسى ئايلانما لىنىيەسى» ئالتايدا ئېچىلىپ، بەيشاخۇ، قاناس، كۆكتوقايدىن ئىبارەت دۆلەت 5A دەرىجىلىك ئۈچ مەنزىرە رايونى ئارىسىدا ئايلىنىپ ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، «ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاپتوبۇسى» قاناس مەنزىرە رايونىدىن كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان ۋاقىتنى قۇرۇقلۇقتىكى ئون نەچچە سائەتتىن ھاۋا بوشلۇقىدىكى بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتقا قىسقارتتى، ئالتاي ئايرودۇرۇمىدىن قاناس، كۆكتوقايغا بارىدىغان ۋاقىتنى 30 مىنۇتقا قىسقارتىپ، «سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا» بولۇشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.

كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ «ئۈچ قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش قاتارلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 346 ساياھەت ھاجەتخانىسى، 36 ماي قاچىلاش پونكىتى، 100 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

مايتاغ - كۇچا تاشيولى «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ ئاتىلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا، G217 لىنىيەسىنىڭ مايتاغ - كۇچا بۆلىكىدىكى تاشيولنىڭ كەمتۈك، بۇزۇلغان جايلىرىنى تولۇقلاپ رېمونت قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ. شۇ چاغدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە 1500 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، 19 مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ھاجەتخانا، نۇرغۇن ئەخلەت ساندۇقى ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەتچىلىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ساياھەتچىلەرنى خاتىرجەم ھالدا قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، يول بويى ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن تولۇق ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كەلگەندە، مۇخبىرنىڭ مەنزىرە رايونىدىكى مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ھاجەتخانىغا قويۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ ئېكرانغا كۆزى چۈشتى، ئېكراندا ھاجەتخانىدا ئادەم بار - يوقلۇقى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرسىتىلىۋاتاتتى. مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا ئېكرانىدا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يېزىقتا ئىشلىتىش ئۇچۇرى كۆرسىتىلىپلا قالماي، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما شۇ كۈنى ھاجەتخانىغا كىرگەن ئادەم سانى، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى، توك ئىشلىتىش مىقدارى، ئاممىياك گازى قىممىتى، تېمپېراتۇرا، نەملىك قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ماس قەدەمدە مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە يوللاپ تۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە جىددىي قۇتقۇزۇش كۇنۇپكىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئەگەر ھاجەتخانىدا بىئارام بولۇپ كۇنۇپكىنى باسسا، غوڭۇلدىغۇچ دەرھال سىگنال بېرىپ، باشقۇرغۇچى خادىملار ۋاقتىدا كېلىپ قۇتقۇزالايدىكەن.

ۋاڭ شاۋيۇڭ كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە چوڭ بولغان، ھەر قېتىم سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا، ئۇ ھەمىشە مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋۋال سىلەرنى بىزنىڭ ساياھەتچىلەر ھاجەتخانىمىزنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمەن، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ھاجەتخانا ئىنتايىن پاكىز، چوڭ شەھەرلەردىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىڭ ھاجەتخانىسىدىنمۇ ياخشى!»

ئەقلىي ئىقتىدارلىق سەپەردىكى «ھەممىباب»

«بىز ياسىغان مەنزىرە رايونى ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالىنى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سەپەردىكى <ھەممىباب>نى خېرىدارلارغا ھېس قىلدۇردۇق.» جاڭ شياڭشۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ شىركەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئاقىل ساياھەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ %80ىنى تاماملىدى، ھازىر ساياھەتچىلەر توردا بېلەت سېتىۋېلىشتىن باشقا، يەنە ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى «720 گىرادۇس» ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدىغان بولدى ھەم VR قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئارقىلىق توردا گۈزەل مەنزىرىلەرنى نەق مەيداندا تۇرغاندەك كۆرەلەيدۇ.

بۇ يىل 3- ئايدىن باشلاپ، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمىتى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەر چىراينى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرەلەيدىغان بولدى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بېلەت ئىشلىرى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ ۋېنيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى بېلەت سېتىش - تەكشۈرۈش سىستېمىسى ساياھەتچىلەرنىڭ بېلەت سېتىش زالىدا بېلەت سېتىۋېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، دەل جايىدىكى ماركېتىڭ ۋە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى سانلىق مەلۇماتلار مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدەك بۇنداق ئاقىل ساياھەت تۈرلىرى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا يولغا قويۇلماقتا. توردا بېلەت سېتىۋېلىشتىن ساياھەتچىلەر چىراينى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرىشكىچە، باشقۇرغۇچى تەرەپنى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەدىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ساياھەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقىچە ئاقىل ساياھەت يان تېلېفونى ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپىرىگە قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

نۆۋەتتە، «شىنجاڭنى بايقاش» «بىر يان تېلېفوندا ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىش» «يان تېلېفوندا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قاتارلىق نۇرغۇن ئاقىل ساياھەت سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۇلۇتى، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى، ئاقىل پۈتۈن رايون ساياھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ھەمكارلاشتى.

«دۆلىتىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكى ئەسلىدىكى سەيلە - ساياھەتتىن ئارام ئېلىش، ھېس قىلىش شەكلىدىكى ساياھەتكە ئۆزگەردى، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە مول، رەڭدار ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئاقىل مەدەنىيەت ساياھىتى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ ھالقىما يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.» دېدى چېڭدۇ جۇڭكې داچى يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، جۇڭگو ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشى مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ چېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ