6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شاڭخەي-نەنتۇڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىي ئاساسىي مۇنارىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، شاڭخەي-نەنتۇڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىي ئاساسىي مۇنارىنىڭ ئۆگزىسى ئوڭۇشلۇق يېپىلدى. بۇنىڭ بىلەن، مەزكۇر كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېگىزلىكى 330 مېتىر كېلىدىغان ئاساسىي مۇنار تۇرغۇزۇلدى. بۇ، دۇنيا بويىچە سۆڭگۈچ ئارىلىقى ئەڭ چوڭ تاشيول، تۆمۈريولدا قوش ئىشلىتىلىدىغان يانتۇ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شاڭخەي-نەنتۇڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11 مىڭ 72 مېتىر، ئاساسىي كۆۋرۈك ئۇزۇنلۇقى 2296 مېتىر، ئاساسلىق سۆڭگۈچ ئارىلىقى 1092 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، شاڭخەي-نەنتۇڭ تۆمۈريولنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىنى كونترول قىلىدىغان قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ، كۆۋرۈكنىڭ يۇقارقى قەۋىتى ئالتە ئاپتوموبىل بىرلا ۋاقىتتا قاتنىيالايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، تۆۋەنكى قەۋىتى تۆت لىنىيەلىك تۆمۈريول قىلىپ لايىھەلەنگەن. (شۈ سۇڭجۈن فوتوسى)