تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] مايتاغ-كۇچا تاشيولى يېنىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى مېھمان كۈتۈۋالدى

  كىگىز ئۆيلەر چىملىقتا قەد كۆتۈردى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى، ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى، خەۋىرى): ئەنئەنىۋى چېلىشىش مۇسابىقىسىدە كۈچ سىنىشىش كەسكىن ئېلىپ بېرىلماقتا، لىرىك كۈي يېقىملىق ئاڭلانماقتا... 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى بايانغول يېزىسىنىڭ كۆك ئۇسۇن كەنتىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى رەسمىي تىجارەت باشلاپ، مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

كىگىز ئۆيلەر چىملىقتا قەد كۆتۈرۈپ، چارۋىچىلار ئارامگاھى خوجايىنلىرى ئالدىراشلىق ئىچىدە، ساياھەتچىلەرگە ئېسىل تائاملارنى ئېتىپ بەردى. نەپىس، پاكىز ۋە رەتلىك، ئەسلىھەلىرى تولۇق «كىچىك داچا»لار مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتىگە زامانىۋى تۈس قوشتى. مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتىدىكى مەيداندا، كەنت ئاھالىلىرى ئات باشلىق چالغۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىغا ئۇسسۇل ئويناپ، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

جياڭسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى بەي شيۇتىڭ بۇ يەرگە مەھلىيا بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى كۆك ئۇسۇن كەنتىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى مېھمان كۈتۈۋېلىشىغا توغرا كەلگەن ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادىلىككە ئېرىشىپ، كېيىنكى سەپەرگە كۈچ تولۇقلىدىم».

كۆك ئۇسۇن كەنتىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، بايىنبۇلاق يايلىقى بىلەن قوشنا كېلىدۇ، بايانغول يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى مېڭكې بايىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتىدە 100دىن ئارتۇق كىگىز ئۆي بار، ھەر كۈنى 300دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالالايدۇ. مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت كەنتىدە يەنە بەش ئائىلىۋى داچا بار بولۇپ، كوللېكتىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرگە ماس كېلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بايانغول يېزىسىدا 1000دىن ئارتۇق چارۋىچى بولۇپ، ساياھەتچىلىك چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ %50تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن. كۆك ئۇسۇن كەنتىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى خېجىڭ ناھىيەسىدە قۇرۇلغان تۆتىنچى مىللىي ئۆرپ ئادەت كەنتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايىنبۇلاق بازىرىدا تۇرغۇت مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتى بار بولۇپ، كەنت «شەرققە قايتىش تەسىراتى» ناملىق ھەقىقىي مەنزىرە تىياتىرىنى دائىملىق ئورۇنلاشنى ئاساس قىلغان؛ ئالغۇ يېزىسىغا جايلاشقان ئۇلاستاي چاغان كەنتىدە كىشىلەر ياۋا موگۇ ئۈزۈشنى ھېس قىلىش ئارقىلىق خۇشاللىق تاپقان؛ كىرغۇت يېزىسىغا جايلاشقان كىرغۇت كەنتى پىيادە ماڭىدىغان، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلغۇچىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئارام ئېلىش ئورنى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ