تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئالاھىدە دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى دېڭ شىجۈن

دېڭ شىجۈننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېنياڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى تەمىنلىگەن)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 6- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چېن دى) 2014- يىلى 3- ئاي، شېنياڭدىكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى دەرۋازىسىنىڭ سىرتى، كورېيەدىكى پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى تۇنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى قاچىلانغان ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ئاستا - ئاستا كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ، بىر بوۋاي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. بۇ بوۋاينىڭ ئىسمى دېڭ چىپىڭ ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربان دېڭ شىجۈن ئىدى.

دېڭ شىجۈن، 1916- يىلى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭشى ناھىيەسى لياڭخې يېزىسى يوۋيى كەنتى 5- گۇرۇپپىسىدىكى بىر ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1932- يىلى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىگە قاتناشقان، 1935- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان. 1940- يىلى سەنشى - چاخار - خېبېي ھەربىي رايونى 5- تۇەن 1- ليەننىڭ ليەنجاڭى بولغان. شۇ يىلى 8- ئايدا، «100 تۇەن ئۇرۇشى»دا دېڭ شىجۈن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ نياڭزىگۇەندىكى موخېتەن ۋوگزالىنى ئىگىلەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. 8- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە، دېڭ شىجۈن 1- ليەننى باشلاپ موخېتەن ۋوگزالىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ بىر قىسمىنى يوقاتقان. غەلىبە قىلىشقا ئاز قالغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شارقىراپ قارا يامغۇر يېغىپ، شاخې دەرياسىغا بىردىنلا غايەت زور تاغ كەلكۈنى كېلىپ، 1- ليەن بىلەن باشقا قىسىملارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويغان. بۇ چاغدا ياڭچۈەندىن نياڭزىگۇەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ياپون ئارمىيەسىمۇ يېتىپ كېلىپ، دەريا ساھىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ دۈشمەن بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىۋاتقان 1- ليەننى ئۈچ تەرىپىدە دۈشمەن، بىر تەرىپىدە سۇ بولۇشتەك خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك، جىددىي ئىدى. دېڭ شىجۈن خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ليەندۈينى باشلاپ ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن بەش سائەتتىن ئارتۇق جاپالىق جەڭ قىلىپ، 200دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان. ئەڭ ئاخىرىدا، دۈشمەن بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭ پەرق بولغاچقا، 1- ليەننىڭ ئوق - دورىسى تۈگەپ، ئوزۇق - تۈلۈكى ئۈزۈلۈپ قالغان، دېڭ شىجۈن قېپقالغان 20چە ئەسكەرنى باشلاپ، دۈشمەن بىلەن نەيزە ئۇرۇشى قىلىپ قانلىق يول ئېچىپ، مۇھاسىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ چىققان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 1- ليەن «موخېتەندە قانلىق جەڭ قىلغان قەھرىمان ليەن» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن، دېڭ شىجۈنگە «سەنشى - چاخار - خېبېي چېگرا رايونىدىكى ئالاھىدە دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى» دەپ نام بېرىلگەن.

1943- يىلى 9- ئايدا، بېييۆگوۋدىكى «تازىلاش»قا قارشى ئۇرۇشتا، 1- ليەن بۇيرۇققا بىنائەن تۇەن ئاساسىي كۈچىنىڭ يۆتكىلىشىنى ھىمايە قىلغان، دېڭ شىجۈن پۈتۈن ليەنگە قوماندانلىق قىلىپ ياپون ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلان، توپ - زەمبىرەك ھىمايىسىدىكى يەتتە قېتىملىق ھۇجۇمىنى ئۇدا چېكىندۈرۈپ، بازىنى بىر كېچە - كۈندۈز چىڭ ساقلاپ، ياپون ئارمىيەسىنىڭ 70 نەچچە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، يارىلاندۇرۇپ، تۇەن ئاساسلىق كۈچىنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشىنى ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. 1944- يىلى 2- ئايدا، سەنشى - چاخار - خېبېي چېگرا رايونى ئۇرۇش قەھرىمانلىرى، ئۇرۇش نەمۇنىچىلىرى يىغىنىدا، دېڭ شىجۈن 1- دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

1951- يىلى 2- ئايدا، ئەينى چاغدا جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى 187- شىسى 559- تۇەننىڭ تۇەنجاڭلىقىنى ئۆتەۋاتقان دېڭ شىجۈن چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان. 4- ئايدا بەشىنچى قېتىملىق جەڭ باشلانغان. 187- شى بۇيرۇققا بىنائەن 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ 6- شىسىغا ھۇجۇم قوزغىغان. 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن ئېتىبارەن، دېڭ شىجۈن قىسىمنى باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گەنچۈەن، سىدۇڭ نەنشەن 3113 ئېگىزلىكى، جيارىلى، جىگۇلى، پېندۇڭ، فېڭۋېيشەننى تارتىۋالغان. 187- شى شىمالىي خەنجياڭ دەرياسى بىلەن خۇڭچۇەنجياڭ دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايوننىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىگەن.

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، 187- شى بۇيرۇققا بىنائەن خۇڭچۇەنجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونغا چېكىنگەن. دېڭ شىجۈن قىسىمنى باشلاپ شى ئاساسىي قىسمىنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنى ھىمايە قىلغان. دەريانىڭ جەنۇب تەرەپ ئۇدۇلىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 1- جۈنى تانكىنىڭ يول باشلىشىدا بىرنەچچە يولغا بۆلۈنۈپ شىمالغا قىستاپ كەلگەن، 559- تۇەن جىگۇلى بازىسىغا تايىنىپ دۈشمەن بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىنى ئۇدا چېكىندۈرگەن. 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، قىسىم چېكىنىش داۋامىدا دۈشمەننىڭ توپ ئوقىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، دېڭ شىجۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، ئەينى يىلى 35 ياشتا ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قەھرىماننىڭ جەسىتى چاۋشيەننىڭ خۇڭچۇەنجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن.

«دادام قۇربان بولغان چاغدا مەن ئۈچ ياشقىمۇ كىرمىگەن، سىڭلىم دېڭ جۈپىڭ ئاران بەش ئايلىق بولغان، دادام سىڭلىمنى كۆرۈپمۇ باقمىغانىدى...» دېڭ چىپىڭ بوغۇلۇپ - بوغۇلۇپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىلى، ئاتا - بوۋىلىرىمىز قايناق ھېسسىياتى بىلەن چاۋشيەنگە ئاتلىنىپ، يۇرت - ماكاننى، ۋەتەننى قوغدىغان. بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىز قۇدرەت تاپتى، ھامان بىر كۈنى چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ