تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

داۋاملىق موگو يەپ بەرگەندە كاللا ئۆتكۈر بولىدۇ

  ​سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ياشانغانلار ھەر ھەپتىدە ئىكى كىشىلىكتىن كۆپ موگو يېگەندە، بىلىش توسالغۇسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %50 تۆۋەنلەيدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، موگونىڭ تەركىبىدە ئالاھىدە بىرىكمە ــ ئېرگوتىئون بولۇپ، بىلىش توسالغۇسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئېرگوتىئون ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى بىر خىل ئۆزگىچە دورا بولۇپ، ئىنسانلار ئۆزلۈكىدىن بىرىكتۈرۈشكە ئامالسىز ئىكەن. ئەمما، ئۇنى يېمەكلىكتىن ئايرىۋېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق مەنبەسى موگو ئىكەن.

  بۇ تەتقىقاتقا سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق 60 ياشتىن يۇقىرى 663 نەپەر ياشانغان كىشىنىڭ سانلىق سىفىرى يىغىلغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسى سىناققا قاتناشتۇرۇلغانلارنىڭ سىنگاپوردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالتە خىل موگو (جىنجىنگۇ، پىڭگۇ، شياڭگۇ، بەيموگۇ)نى ئىشلىتىش مىقدارىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقاتتا، بىر كىشلىك موگو 150 گىرام بولۇپ، ئىككى كىشلىك موگو يېرىم تەخسىگە تەڭ كېلىدىكەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە بىر كىشلىك موگو يېگەن ياشانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە ئىككى كىشلىكتىن كۆپ موگو يېگەن ياشانغانلارنىڭ بىلىش توسالغۇسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %43 تۆۋەن بولغان.بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ ياش، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابىت، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋە جەمئىيەت پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

   -خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ