تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شاۋكەت ئىمىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى دوكلاتى بەردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 6- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر دوكلاتنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ 70- يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇشۇ پەيتتە پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دەل ۋاقتىدا بولدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تولۇق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نەزەرىيە ئۆگىنىش، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشنى، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى قوللىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خەلقنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇپ، كۈچلۈك بولغان خەلقنى سۆيۈش، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھېسسىياتى بىلەن، ئاڭلىق ھالدا خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر تۈزۈش، ئىش بېجىرىش، خىزمەت قىلىش، خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەش، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىش، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئورنى، پىرىنسىپى، ۋەزىپىسى، ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ پاك - ئىنتىزامچان بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، باشتىن - ئاخىر قانۇندىن ئىبارەت ئەينەكنى قەلبكە ئېگىز ئېسىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، قىزىل سىزىققا دەسسىمەي، يۇقىرى بېسىملىق سىمغا تەگمەي، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشنىڭ قانۇنچىللىق پاسىلىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى شۆجۈن، پارتگۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر مۇتەللىپ قاسىم، بادەي قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى 2- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى پارتىيە دەرسىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ