تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

جەۋلان قىلغان قىزىل بايراق خۇددى رەسىمگە ئوخشايدۇ

ـــ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي چاڭتىڭ، نىڭخۇادىن كەلگەن قىزىل ئېتىقاد دوكلاتلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيې لياڭ، ليۇ فېي، چېن خۇڭيى، ۋۇ جيەنفېڭ

بۇ بىر قېتىملىق ھاياتلىقنىڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپىرى ـــ

فۇجيەن چاڭتىڭدا غەربكە يۈرۈش قىلىشقا قەسەمياد قىلغان قىزىل 9- جۈنتۇەنى، نىڭخۇادىن يولغا چىققان قىزىل 3- جۈنتۇەنىنىڭ 4- شىسى، قىزىل 1- جۈنتۇەنىنىڭ 15- شىسى قاتارلىق قىسىملاردىكى كوماندىر - جەڭچىلەر بۇ قېتىمقى سەپىرىدە قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرلا ئېتىقادى بار: «جۇڭگونى ئۆزگەرتىش»؛ بارلىقىنى قىزىل ئارمىيەگە تەقدىم قىلغان سوۋېت رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ بىرلا ئارزۇسى بار: «غەلىبە قىلغان قىزىل ئارمىيە قايتىپ كېلىدۇ».

بۇ بىر قېتىملىق ئېتىقادنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى −

شەھەر ئاسمىنىنى قارا بۇلۇت قاپلاپ ۋەيران قىلماقچى بولغاندا، ئۇلار شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندىكى: «پارتىيەگە ئەگەشكەندىلا چىقىش يولى بولىدۇ!»

ئون مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەردىكى قىيىن ئۆتكەلدە، ئۇلار شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندىكى: «ئىنقىلاب ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ!»

ئىشىنىش كۈچ دېمەكتۇر، ئېتىقاد كۈچ دېمەكتۇر.

بۈگۈن، چاڭتىڭ، نىڭخۇالارغا بارغاندا، باش قاتۇرۇپ ئىزدىمەيلا شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ: تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قاناتلىرى تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋېلىشقا باشلايدۇ. قىزىل تۇپراقتا جەۋلان قىلغان قىزىل بايراق خۇددى رەسىمگە ئوخشايدۇ.

ئىشەنچ ئۇلارنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىنتىلىشكە ئۈندىدى

جۇڭفۇ كەنتىدىكى گۇەنشوۋگۇڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدا، «قىزىل 9- جۈنتۇەنىنىڭ 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپىرى باشلانغان جاي» دېگەن خەت ئويۇلغان ئابىدە سۈكۈت ئىچىدە تىك تۇراتتى.

قىزىل ئارمىيەنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيىپ ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن بىر قوشۇن رەتلىك تىزىلىپ، پەلەمپەيدىن چىقىپ ئىبادەتخانىغا كىردى. ۋاقىت گويا 1934- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىگە قايتىپ كەتكەندەك بىلىندى.

دەل كۈز كۈنلىرى، شاللىقلار ئالتۇن رەڭگە كىرگەن. زەمبىرەك ئاۋازى كۆتۈرۈلگەن. قىزىل 9- جۈنتۇەنىنىڭ قەسەمياد يىغىنىدىن ئىلگىرىكى ناخشا ساداسى ئالاھىدە ياڭراق بولۇپ، شۇ كۈنى نۇرغۇن كەنتلەردىكى قىزىل قوغدىغۇچىلار نەمۇنە ليەنلىرى، پىيونېرلار ئەترەتلىرىمۇ قاتناشقان.

ئۇزاتقىلى چىققان كەنت ئاھالىلىرى جەڭچىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تۇخۇم، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى ئۇلارنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان؛ بەزى ئاياللار ئون چاقىرىم يول يۈرۈپ ئېرى بىلەن ئۇچراشقاندا كۆزلىرى قىزارغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «مەن سىزنى ئۆيگە ئېلىپ كەتكىلى كەلمىدىم، جەڭنى ئوبدان قىلىڭ، قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمەن»...

قىزىل ئارمىيەنى ئون قېتىم ئۇزىتىپمۇ، نېمە ئۈچۈن قىيالمىغان؟ نېمە ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، ھەربىي سەپكە بەس - بەستە قاتناشقان؟

لاي چاپلىشىپ قالغان ئەپكەش - ئەپكەش ئاياغلار بۇنىڭغا جاۋاب بولالايدۇ −

يولغا چىقىش ئالدىدا، رايونلۇق، يېزىلىق سوۋېت ھۆكۈمىتى كادىرلىرى ئامما بەرگەن ئەپكەش - ئەپكەش لاتا خەي، چىغ چورۇقلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەندە، ئەسكەرلەر ھەيران قالغان، نۇرغۇن ئاياغلارغا قانداقسىگە لاي چاپلىشىپ قالدى؟

سەۋەبى ئەسكەرلەرنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان. قىزىل ئارمىيەنىڭ يەنە جەڭگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، پۇقرالار پۇتىدىكى ئايىغىنى سېلىپ، كەنتتىكى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ئەترىتىگە بەرگەن. ئۇلار: «ئاياغ تىكىشكە ئۈلگۈرەلمىدۇق، كىيىپ قويغان بۇ ئاياغلارنى ئېلىۋېلىڭلار، ھەربىي يۈرۈشتە، ئۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ» دېدى.

لاي چاپلىشىپ قالغان بىر جۈپ ئاياغ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك مۇھەببىتىنى ئۆلچەيدۇ. قاتتىق ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتقان پۇقرالار قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇلارنى پومېشچىك، مىنتۇەن، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تۇرسا، ئۇلارنى ھىمايە قىلماي تۇرالامتى؟ ئۇلار بۇ قوشۇننىڭ ھەقىقەتەن كەمبەغەللەر ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدىغان قوشۇن ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.

چاڭتىڭ ناھىيەسىدىكى قىزىل مەدەنىيەتنى چۈشەندۈرگۈچى لەي گۇاڭياۋنىڭ مومىسىمۇ ئەسكەرلەرنى ئۇزاتقان پۇقرالارنىڭ بىرى. قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا، ئۇ ھەر كۈنى ئىككى ئەپكەش ئاشلىق، ماددىي ئەشيا توشۇغان، 60 كىلومېتىر يول يۈرگەن، ئاساسىي كۈچ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يەرلىك پارتىزانلار ئەترىتىگە ئاشلىق توشۇپ بەرگەن. «ياش ۋاقتىدا يول مېڭىپ تىزى كۆپ ئۇپراپ كەتكەنلىكتىن، مومام 60 ياشتىن ئېشىپلا يول ماڭالماس بولۇپ قالدى».

60 كىلومېتىر يول، ئىككى پۇت. ئۆزى ھىمايە قىلىدىغان ئادەم ئالدىدا، يولنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن، تاغنىڭ تېخىمۇ ئېگىز بولۇشىدىن قورقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئۇلار بىر قىزىل يۇلتۇزنىڭ بىر ئۈمىد ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن! لەي گۇاڭياۋ مۇنداق دېدى: «ئاددىي ھېسسىيات ئۇلارنى جانغا جان ئالماشتۇرغان تەقدىردىمۇ، يەنە قىزىل ئارمىيەگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئۈندىگەن».

جۇڭفۇ كەنتىدىكى قىزىل ئارمىيە كۆۋرۈكى بېشىدىكى بىر ئويۇلغان ئىز گۇۋاھ −

بۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى: بىر مىلتىققا قوشۇلغان بىر نەيزىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر يېرىم مېتىر. شۇنداق بولغاندا، يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ مىلتىق كۆتۈرۈپ، جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

قىزىل ئارمىيە كۆۋرۈكىدىكى بىر كۆرۈنۈشنى ئەسكەر جۇڭ گېنجى شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇش ھاياتىدا ئىزچىل ئۇنتۇيالمىغان. قىزىل ئارمىيە كۆۋرۈكىگە كېلىپ، يۈدۇغا بېرىپ يىغىلىدىغان چاغدا، جۇڭ گېنجى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر كەنتلىك 16 قۇردىشى ناھايىتى رەتلىك تىزىلىپ يەردە تىزلىنىپ مۇنداق قەسەم قىلغان: «كىم ھايات قېلىپ قايتىپ كەلسە، شۇ ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىدۇ!».

20 نەچچە يىلدىن كېيىن، جۇڭ گېنجى ھەربىي سەپتىن قايتىپ يۇرتىغا كېلىپ، بۇرۇنقى قەسىمىنى ئادا قىلغان، مەيلى ئۆز كەنتىدە بولسۇن ياكى قوشنا كەنتتە بولسۇن، تاكى گاس، دۈمچەك بولۇپ نەرسە كۆتۈرەلمىگەنگە قەدەر، ئۆلگەنلەرنى گۇەنسەيگە سېلىپ كۆتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن.

چاڭتىڭدا، نىڭخۇادا، ئارمىيەگە قاتناشقان يىگىتلەردىن ھايات قايتىپ كەلگەنلىرى ناھايىتى ئاز. شۇنداق بولسىمۇ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۆلچەمگە توشمىغان نۇرغۇن ئۆسمۈر ئايىغىغا گېزىتنى قاتلاپ سېلىۋالغان ياكى ئايىغىنىڭ ئاستىغا بىر نەچچە قەۋەت ئوت - چۆپ باغلىۋالغان، ھەتتا كەچتە بوي ئېگىزلىكى ئۆلچەم سىزىقىنى ئوغرىلىقچە تۆۋەنلىتىپ، ھەربىيگە قاتنىشىش ئۆلچىمىگە يەتمەكچى بولغان.

بۇ ھاياتلىقنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ چاقىرىقى ئالدىدا، ئۇلار ئىنقىلابقا ئاتلىنىشنى تاللىغان، ھاياتلىق ئۈچۈن ئۆلۈمدىن باش تارتمىغان، چۈنكى ئۇلار پەقەت كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭلا ئۇلارنى بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا ئاندىن چىقىش يولى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە تارىخى تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جۇڭ جاۋيۈن مۇنداق دېدى: سوۋېت رايونىدىكى پۇقرالار ئىنقىلابنىڭ چوڭ داۋلىلىرىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسىمۇ، قىزىل ئارمىيە ئېيتقان گۈزەل جەمئىيەتكە ئىشىنىشنى خالىغان، بۇ خىل ئىشىنىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى − ئۇلار ھەممە ئائىلىگە يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمدى ئازاب - ئوقۇبەت تارتمايدىغانلىقىنى، ئاچ قالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. شۇڭا ئۇلار كومپارتىيەگە ۋە قىزىل ئارمىيەگە ئىشەنچ باغلىغان.

بۇ ئىشەنچ خەلق ئاممىسى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان جۇشقۇن ئۇلۇغ كۈچنى ئۇرغۇتقان.

ئەقىدە ئۇلارنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىشقا ئۈندىدى

چاڭتىڭدىكى قارىغاي چوققىسىدا، قان قۇم تۇپراققا سىڭگەن، پۈتكۈل تاغنى كاككۇكگۈلى قاپلىغان.

85 يىل ئىلگىرى، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ زەمبىرەكلىرى، ئايروپىلانلىرى قايتا - قايتا بومباردىمان قىلغان، دۈشمەننىڭ تولۇق قوراللانغان ئۈچ شىسىنىڭ غالجىرانە «قورشاپ يوقىتىش»ىغا ئۇچرىغاندا، قىزىل ئارمىيە بىلەن ئونمىڭلىغان چاڭتىڭ يەرلىك قوراللىق كۈچلىرى بازىنى يەتتە كۈنگىچە چىڭ ساقلىغان.

قىزىل 9- جۈنتۇەنى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، قىزىل 24- شىسى يەنىلا گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىنى توسىدىغان بۇ مۇھىم ئۆتكەلنى داۋاملىق ساقلاپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ يىغىلىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن گومىنداڭ ئارمىيەسىنى ئىسكەنجىگە ئالغان. بۇ قېتىملىق جەڭدە قىزىل ئارمىيەنىڭ 4000دىن ئارتۇق ئادىمى قۇربان بولغان.

ئىستىھكام ئارقا - ئارقىدىن ئىشغال قىلىنغان، قىزىل ئارمىيە ئارقا - ئارقىدىن تارتىۋالغان؛ ئالدىدىكى جەڭچىلەر بىر - بىرلەپ يىقىلغان، كەينىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر يەنە بىر - بىرلەپ مىلتىقىنى ئېلىپ ئالغا قاراپ ئېتىلغان...

كۆكرىكىگە ئوق تېگىپ، نوسىلكا بىلەن قايتۇرۇپ كېلىنگەن بىر جەڭچى سەھىيە خادىمىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مېنى تېڭىپ قويۇڭ، بىردەمدىن كېيىن يەنە جەڭگە قاتنىشىمەن.» ئۇ تېڭىشقا ئۈلگۈرمەيلا قۇربان بولغان.

كىممۇ ھاياتىنى قەدىرلىمىسۇن؟ قولىدا مىلتىق، قىلىچ تۇتقان قىزىل ئارمىيە خىل قوراللانغان دۈشمەنگە يۈزلەنگەندە، نېمە ئۈچۈن قۇربان بولۇشتىن قورقماي، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدۇ؟

جاۋابى ئەقىدە.

سۇ تاشلارغا ئۇرۇلسا ئاۋاز چىقىدۇ، ئادەم رىغبەتلەنسە ئىرادىسى بۈيۈك بولىدۇ. ئەقىدە ۋەھىمە ئۈستىدىن غالىب كەلگەندىلا، ئاندىن ئادەم باتۇر، قورقماس بولىدۇ. خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۇلارنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىشتەك ئاددىي ئىرادە ئىنتىلىشى.

«ئادەتتىكى ئەسكەر بىلەن پۇقرالار بەلكىم <ئىزم>نى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئىنقىلاب مېۋىسى ساقلىنىپ قالسىلا، ئەۋلادلىرىنىڭ ياخشى كۈن كۆرەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.» چاڭتىڭ ناھىيەسىدىكى قىزىل مەدەنىيەتنى چۈشەندۈرگۈچى جۇڭ مىڭ مۇنداق دېدى: باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن قۇربان بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، بۇنداق تۆھپە قوشۇشمۇ «قىزىل ئارمىيەنىڭ مەنىۋى روھى».

ئەقىدە مۆجىزىنى يارىتىدۇ. بەزىلەر ھەيرانلىق ئىلكىدە: بۇ ياشلار غەلىبە ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىشقا رازى بولغان. ئۇلار ئادەممۇ ياكى ئىلاھمۇ؟ دېگەن.

سىز بىر شىنىڭ ھىماتچى قوشۇن بولۇپ مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ نەچچە ئونمىڭلىغان ئادىمىنى قوغداشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟

شياڭجياڭ ئۇرۇشىدا، 6000 غەربىي فۇجيەن پەرزەنتىدىن تەشكىللەنگەن «ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئاتىغان ھىماتچى قوشۇن» قىزىل 34- شىسى ئاساسىي كۈچ قىزىل ئارمىيەنىڭ مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، ھەممىسى دېگۈدەك قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بۇ كەمبەغەل ياش دېھقانلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى تولۇپ تاشقان. بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن ئاشۇ پەيتتە ئۇلارنىڭ بۇنىڭ بەلكىم مەڭگۈلۈك خوشلىشىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان - قىلمىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

مەركىزىي قىزىل ئارمىيە قوشۇنى ئۇلاردىن يىراقلاپ كەتكەندە، دۈشمەن ھەرقايسى تەرەپتىن قورشاپ كەلگەن، قىزىل ئارمىيە 34- شىسى يار - يۆلەكسىز قالغان −

دۈشمەننىڭ ئاجىز يېرىنى ئىزدەپ مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىپ، جەنۇبىي خۇنەنگە بېرىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىمىز؛

ناۋادا مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقالمىساق، سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىزنى ئاققۇزۇشقا قەسەم قىلىمىز!

مانا بۇ كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ خىتابنامىسى. كۆڭلىدە ئەقىدە بار بولغاچقا، ئۇلار ئۆزىدىن ئون نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان، ئۇلارنىڭ باتۇرانە جاسارىتى تاغنى تالقان قىلغان.

سانلىق ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈل سوۋېت رايونى مەزگىلىدە غەربىي فۇجيەندە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100 مىڭ ئىشچى - دېھقان پەرزەنتى قىزىل ئارمىيە ۋە قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتىگە قاتناشقان، ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان مەركىزىي ئاساسىي كۈچ قىزىل ئارمىيەدىكى 86 مىڭ ئادەمدىن 26 مىڭى غەربىي فۇجيەن ئوغۇل - قىزى بولۇپ، شىمالىي شەنشىگە بارغاندا پەقەت 2000 نەچچە ئادەم قالغان، ئۇزۇن سەپەرنىڭ ھەربىر چاقىرىمىدا بىر نەپەر غەربىي فۇجيەنلىك ئوغۇل - قىز يىقىلغان.

ئېدگار سىنو «غەربكە سەپەر خاتىرىسى»دە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق يازغان: «مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ياشلارنىڭ ئۇزاققىچە سۇسلاشمايدىغان قىزغىنلىقى، باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان ئۈمىدى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋار كەيپىياتى خۇددى كۈچلۈك يالقۇندەك بارلىق ئىشلارغا سىڭگەن».

غايە ئالدىدا ئۆزىنى بېغىشلاشنى تاللاش، ئىرادە ۋە جاسارىتى بىلەن خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، مانا بۇ قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقالىشىنىڭ تۈپ ئاساسى.

1935- يىلى 1- ئايدا، تاڭ يىجېن چاڭتىڭدا گومىنداڭ ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇشتىن ئىلگىرى، پارتىيەنىڭ بىر مەخپىي ھۆججىتىنى يۇتۇۋالغان، گومىنداڭ ئارمىيەسى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، شۇ يىلى ئۇ 25 ياشتا ئىدى.

شۇ يىلى 2- ئايدا، خې شۇخېڭ چاڭتىڭدا گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغاندا، ئۇ قوشۇنغا يۈك بولۇشنى خالىماي، تىك ياردىن سەكرىگەندىن كېيىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ يىلى ئۇ 59 ياشتا ئىدى.

شۇ يىلى 6- ئايدا، چۈ چيۇبەي چاڭتىڭدا جازا مەيدانىغا دادىللىق بىلەن قاراپ مېڭىپ، رۇسچە يۇقىرى ئاۋازدا «قىزىل ئارمىيە مارشى» «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى ئېيتىپ، مەردلەرچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 36 ياشتا ئىدى.

......

شۇ دەقىقىدە، ئۇلار ھاياتىدىن ۋاز كەچكەن، لېكىن «جەزمەن ئىنقىلاب ئۈچۈن كۈرەش قىلىش»تەك مۇستەھكەم ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچمىگەن.

ئېتىقاد ئۇلارنى ئېگىلمەس - سۇنماس قىلدى

40 يىل ئىلگىرى، لو گۇاڭماۋ ئۆزىنىڭ ئاشلىق ئامبىرىنى چاققاندا، ماي قەغەزگە ئورالغان ھەربىي كاناي نوتىسىنى بايقاپ، بىردىنلا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتكەن.

بۇ ھەربىي يۈرۈش قىلىش، جەڭ قىلىشتا ئىشلىتىدىغان «شىفىر دەپتىرى»نى ئۇ جېنىدەك كۆرگەن. 1934- يىلى، لو گۇاڭماۋ جەڭدە يارىلىنىپ تەرەپ - تەرەپتە يوشۇرۇنۇپ، سەرسان - سەرگەندانلىقتا يۈرگەندە ھەربىي كاناي نوتىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالغان. ئازادلىقتىن كېيىن، لو گۇاڭماۋ كۆپ قېتىم چاڭتىڭ، نىڭخۇادىن ئىزدەپ تاپالمىغان. كۆڭۈل تۈگۈچى يېشىلمىگەنلىكتىن، ئۇ دائىم ھويلىسىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، كاناي ئېغىزىنى چىقىرىپ، نەچچە قېتىم پۈۋلەپ قويۇپ، ئاندىن قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرغان.

تەشكىلگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئاشۇ پەيتتە، بوۋاي خۇددى بالىلاردەك خۇشال بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 40 نەچچە يىللىق ئۇزاق كۈتۈشنىڭ ھەربىر كۈنى ئازاب بولغان، بۇ كۈنى ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى «مەنلا بولسام كاناي نوتىسىنى يوقىتىپ قويمايمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئاخىر ئىشقا ئاشۇرغان.

قانداق كۈچ ئۇنى ئازابقا بەرداشلىق بېرىشكە، ئۇنى كۈتۈشكە، ئۇنىڭغا خۇشتار بولۇشقا يېتەكلىگەن؟

مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ ئىنسانلار تارىخى سەھىپىسىگە يېزىلغان ئۇزۇن سەپەرنى باشلاش تارىخىنى ۋاراقلىساق، بىز ئۇنىڭغا جاۋاب تاپالايمىز −

ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 300 مېتىردا بىر قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى قۇربان بولغان يولدا، ئۇلار ئوڭۇشسىزلىققا قانچە ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولغان، قەھرىمانلار كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلگەن؛ يولدا ئۇلار ئۇرۇشتا تارقىلىپ كەتكەن، يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قوشۇننى ئىزدەش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان.

لۇڭيەنلىك قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانى جاڭ ياڭنىڭ نەۋرىسى جاڭ مىن مۇنداق دېدى: «مانا بۇ ئېتىقادنىڭ كۈچى».

ئۇزۇن سەپەردە قىزىل 34- شىسى 101- تۇەنىنىڭ سەنمۇسى بولغان جاڭ ياڭ گۇاڭشى زوجياڭدا يارىلانغان بولۇپ، يارىسى سەل ياخشىلانغاندا قىسىمنى ئىزدەش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، يول بويى تىلەمچىلىك قىلىپ، ئاخىر لۇڭيەن پارتىزانلار رايونىغا قايتىپ پارتىيە تەشكىلىنى تاپقان.

جاڭ مىن مۇنداق دېدى: ئېتىقاد بوۋامغا تىرەك بولغان، «پەقەت تىنىقىملا بولىدىكەن، تەشكىلنى تاپىمەن».

ئۈچ يىللىق سوۋېت رايونىنى ساقلاش پارتىزانلىق ئۇرۇشىدا، گومىنداڭ ئارمىيەسى «كۆلچەكنىڭ سۈيىنى تارتىپ چىقىرىپ، كۆلچەك ئاستىدىكى بېلىقنى قويماي تۇتۇش»تەك قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، پارتىزانلار بىلەن ئاممىنىڭ بارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغان، پارتىزانلارنىڭ ئۇدا نەچچە ئايغىچە يەيدىغان ئاشلىقى، كىيىدىغان كىيىمى يوق بولغان، ھەتتا پۈتۈنلەي ياۋا ئوت - چۆپ، ياۋا مېۋە، ياۋا كۆكتاتلارغا تايىنىپ قورسىقىنى تويغۇزغان. پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەنلەرگە كۆپ قېتىم زەربە بەرگەن ھەم قوشۇننى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتقان.

ئېتىقادى بىلەن كۈرەش قىلغاچقا، ئۇلار قوش قوراللىق بولدى!

خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر مۇنداق قارىغان: قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى 20- ئەسىردە دۇنيا ئىستىقبالىغا ئەڭ تەسىر كۆرسىتەلىگەن مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. ئۇلار بۇ قوشۇن كىيىملىرى جۇل - جۇل، قورال ۋە ئوق - دورىسى كەمچىل تۇرۇپ، ئېتىقادى قەيەردىن كەلدى؟ دېگەننىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن.

بۇ ئېتىقاد پارتىيەنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ھارماي - تالماي ئىزدىنىشىدىن كەلگەن.

رەھىمسىز ئۇرۇش مۇھىتى بىلەن ھەيۋەتلىك ئىنقىلاب مۇساپىسىدە، بۇ خىل ئىزدىنىشمۇ ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان. سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتە، «پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش» «پارتىيە ياچېيكىسىنى ليەندە قۇرۇش»تەك تۈپ پىرىنسىپ بېكىتىلگەن؛ گۇتيەن يىغىنىدا، «ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، سىياسىي بىلەن ئارمىيە قۇرۇش»تەك روشەن ئاساس بېكىتىلگەن... دېھقانلارنى ئاساس قىلغان بىر ئارمىيە قۇدرەتلىك يېڭىچە خەلق ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغان.

بۇ ئېتىقاد پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يىلتىز تارتقانلىقىدەك ئەمەلىيەتتىن كەلگەن.

ئۇزۇن سەپەر − خىتابنامە، ئۇزۇن سەپەر − تەشۋىقات ئەترىتى، ئۇزۇن سەپەر − سېيالكا.

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ:

چاڭتىڭدا، 17 مىڭ 200 ياش قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 12 كىشىنىڭ بىرى قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان؛

نىڭخۇادا، ئۇزۇن سەپەر ھارپىسىدا ئامما ئالدىنقى سەپكە كەڭ كۆلەمدە ياردەم بېرىپ، جەمئىي 9 مىليون 500 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق ئاشلىق، 540 مىڭ يۈەن پۇل غەملىگەن؛

......

«قىزىل بايراقنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا جەۋلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.» 91 ياشلىق جۇڭ يىلۇڭنىڭ چاڭتىڭدىكى ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە چاپلانغان بۇ دۈيليەندە غەربىي فۇجيەننىڭ كەڭ زېمىنىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپەر روھى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلغانلىقى سۈرەتلەپ بېرىلگەن.

جۇڭ يىلۇڭ ئائىلىسىدىن 40 ئىنقىلابىي قۇربان چىققان. 2016- يىلى، جۇڭ يىلۇڭ ئۆز يېنىدىن 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ ئاتا - بوۋىلىرىدىن قالغان ئۆيىنى ياساپ يېپيېڭى قىلىپ، يېرىم ئەسىردىن بۇيان توپلىغان ئۇزۇن سەپەر ھېكايىلىرىنى تامغا چاپلاپ، پۇقرالار قىزىل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئاچقان.

«تۈمەن چاقىرىملىق دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ.» جۇڭ يىلۇڭ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېننى ئەۋلادتىن ئەۋلادتقا داۋاملاشتۇرۇشنىلا ئۈمىد قىلىمەن».

(مۇخبىرلىق قىلىپ يېزىشقا قاتناشقانلار: لى سۇڭ، مېي چاڭۋېي، ليۇ يۈجيا )

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 6- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ