تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېتەكچى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، كىشىلىك پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم كۈچىنى ئېچىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىش خىزمەت نىشانىنى چۆرىدەپ، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرى ۋە نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش مائارىپى خاھىشىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ماسلىشىشى، ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشى ۋە كەلگۈسى كەسپىي تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىشى ئۈچۈن، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2022- يىلىغا بارغاندا، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرس، يېڭى دەرسلىكى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق ھەم خاسلىققا ئىگە تەرەققىي قىلىشىغا ماس كېلىدىغان مائارىپ ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، دەرس تاللاپ سىنىپقا كىرىش ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىي بولغان مائارىپ باھالاش ۋە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار مەنبەسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان، خاس تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

«پىكىر»دە ئالتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، ئومۇميۈزلۈك يېتىلدۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىش. ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسى، مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيەسى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئۇنىۋېرسال ساپا يېتىلدۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش يولىنى كېڭەيتىش؛ ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. ئىككىنچى، دەرسنى يولغا قويۇشنى ئەلالاشتۇرۇش. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، 2022 - يىلىدىن ئىلگىرى يېڭى دەرسنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، يېڭى دەرسلىكنى ئىشلىتىش؛ مەكتەپلەرنىڭ دەرس باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاس دەرس قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ئۈچىنچى، ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش. دەرس تاللاپ سىنىپقا كىرىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن مائارىپ ئوقۇش - ئوقۇتۇشىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرس ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى قوغلىشىش ۋە دەرسنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇشنى قاتتىق چەكلەش. تۆتىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش. يېتەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا غايە - ئېتىقاد تۇرغۇزۇشى، ئۆزىنى توغرا تونۇشىغا ياردەم بېرىش؛ تۈرلۈك جەمئىيەت بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش. بەشىنچى، ئىمتىھان ئېلىش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، نوقۇل ھالدا ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش، قوبۇل قىلىش خاھىشىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىش. ئالتىنچى، ئوقۇتقۇچىلار مەنبەسى ۋە شارائىت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش؛ مەكتەپلەرنىڭ ياتاق شارائىتىنى ياخشىلاپ، خىراجەت سېلىنمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باھالاش، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات نىشانى، ۋەزىپىسى، تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ