تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

سەپەرگە ئاتلىنىش، «تۇنجى»ئاتلىنىش

− قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جايىدىن ئىزدەش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋۇ خۇەنچىڭ، گاۋ خاۋلياڭ، ۋۇ خۇييىڭ، ليۇ يۈجيا بۇ جياڭشى ئۆلكىسى يۈدۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيى ( 6- ئاينىڭ 12- كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى رېنزى فوتوسى

بىر تارىخىي داستان، بىرىنچى قۇر خەتتىنلا قەھرىماننىڭ كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

بىر ساراي، بىرىنچى پارچە ئۇل تاشتىنلا ساراينىڭ ئېگىزلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

بىر قېتىملىق يىراققا سەپەر، تۇنجى قەدەمدىنلا سەپەرنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بىلگىلى بولىدۇ.

يۈدۇ دەرياسى ساھىلى، دەھشەتلىك دولقۇن گۇۋاھ، بىر ئابىدە پەلەككە تاقىشىپ تۇرماقتا.

85 يىل ئىلگىرى، 90 مىڭغا يېقىن جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى بۇ يەردە توپلىنىپ يولغا چىقىپ، مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىدىغان، ئەمما جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىدىغان ئۇزۇن سەپەرنى باشلىغان.

«ھەممە ئالغا قاراپ ماڭماقتا، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا بارساقمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارساقمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن ئاتلانغانلىقنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ».

يىراققا سەپەر قىلغان ئاشۇ كىشىلەر زادى نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي سەپەرگە ئاتلانغان؟

يىراققا سەپەر قىلغان ئاشۇ كىشىلەر زادى نېمىگە تايىنىپ قەتئىي سالماقلىق بىلەن سەپەرگە ئاتلىنالىغان؟

يىراققا سەپەر قىلغان ئاشۇ كىشىلەر زادى نېمىنى كۆزلەپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي سەپەرگە ئاتلانغان؟

يۈدۇ دەرياسى ساھىلى، جەنۇبىي جياڭشىدىكى خۇڭدۇ، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي، خالىغانچە بىر سىقىم لاينى سىقىمدىغاندا، بارماقلار ئارىسىدىن ئۇزۇن سەپەر ھېكايىسى، قىزىل ئارمىيە رىۋايىتى سىرغىپ چىقىدۇ.

بۇ ئىللىق تۇپراققا قەدەم باسقاندا، بۇ ھېكايىلەر ئىچىگە كىرگەندە، زامان - ماكاندىن ھالقىغان بىر خىل ئۆچمەس روھ كىشىلەرنى ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان قەدەمنى ئىزدەشكە، ئەسلىي مەقسەت مەۋقە قىلىنغان قاينام - تاشقىنلىقنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەيدۇ...

سەپەرگە ئاتلىنىش، نېمە ئۈچۈن؟

يۈدۇ ناھىيەسىنىڭ دۇەنۋۇ يېزىسى خەنشىن كەنتىدىكى قەدىمىي ئىبادەتخانىغا ئىككى نەسەبنامە قويۇلغان، بۇنىڭ بىرى ئەنئەنىۋى ئائىلە نەسەبنامىسى، بىرى نەچچە يۈز قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ئىسمى پۈتۈلگەن بۇ كەنتتىكى قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى.

يۈدۇدىلا ئەمەس، رۇيجىندا، شىڭگودا، گەنشيەندە، نىڭدۇدا، شىنفېڭدا... مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جايدىكى، جەنۇبىي جياڭشىدىكى ئەسلىدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى نۇرغۇن كەنتتە بىردىن قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلار شەجەرىسى بار.

ئۇزۇن سەپەر تارىخى تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇنداق يېزىلغان: يۈدۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان 90 مىڭغا يېقىن مەركىزىي قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىدىن شىمالىي شەنشىگە ئامان - ئېسەن يېتىپ بارالىغانلار ئاران نەچچە مىڭ كىشى.

ئەينى يىللاردىكى قىزىل ئارمىيە نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي «ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كىلومېتىردا ئۈچ - تۆت ئادەم يىقىلغان» بىر مەيدان يىراققا سەپەرگە ئاتلانغان؟

بۇنىڭ جاۋابى ئېھتىمال پۈتكۈل جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش ئورگىنى جايلاشقان شيې جەمەتىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن.

1931- يىلى 11- ئايدا، فۇجيەن بىلەن جياڭشى تۇتاشقان جايدىكى كىچىك شەھەر رۇيجىندا، يېپىڭدىكى شيې جەمەتى ئىبادەتخانىسىدا، 600دىن ئارتۇق ۋەكىل بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭخۇا سوۋېتىنىڭ 1- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، دۇنياغا جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئاران «ئون ياش»لىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەت ھاكىمىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار مۇقەددىمىسىنى باشلىغان.

بۇ قىزىل يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، بۇ يەردىكى خەلق قەددىنى رۇسلاپ خوجايىن بولغان!

«قىزىل ئارمىيە كەلدى، قورسىقىمىز تويىدىغان بولدى.» بۇ، ئەينى يىللاردىكى سوۋېت رايونى ئەسلىمىسى تىلغا ئېلىنغاندا، رۇيجىن شەھىرىنىڭ يۈنشىشەن يېزىسى فېڭلۇڭ كەنتىدىكى 92 ياشلىق لياڭ ۋېنخې دائىم دەيدىغان گەپ ئىدى. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، قىزىل ئارمىيە كېلىشتىن ئىلگىرى، دېھقانلار جاپا - مۇشەققەتتە يىغقان ئاشلىقىدىن پومېشچىكلارغا سەككىز ئۈلۈشنى تاپشۇرىدىكەن، قورسىقى تويمايدىكەن، كىيىمى پۈتۈن ئەمەس ئىكەن، كۈنلىرى ناھايىتى جاپادا ئۆتىدىكەن. قىزىل ئارمىيە كېلىپ، «يەرلىك زومىگەرلەرگە زەربە بەرگەن، دېھقانلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بەرگەن»، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار پومېشچىكلارغا ئىجارە ھەققى تاپشۇرمايلا قالماي، قىزىل ئارمىيە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنىمۇ ياردەم بېرىپ ھەل قىلىپ بەرگەن.

«سېلىشتۇرۇش بولغاچقا، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رايونى پۇقرالارنى پارتىيەگە ئەگەشكەندىلا، قىزىل ئارمىيەگە ئەگەشكەندىلا زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقىغا، ياخشى كۈنگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندۈرگەن.» گەنجوۋ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە تارىخى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ رىۋاڭ مۇنداق دېدى: «شۇڭا سوۋېت رايونى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، 10 مىليونلىغان كىشىنىڭ بەس - بەستە قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغانلىقى دەل كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدىن بولغان، ئۇلار داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئۆزلىرىگە تەئەللۇق گۈزەل تۇرمۇشنى قايتىدىن قايتۇرۇۋالماقچى ھەم تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرمەكچى بولغان».

قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدا جياڭشى ئۆلكىلىك سوۋېت ھۆكۈمىتى ھۆكۈم - كېسىم بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان جياڭ شەنجۇڭ تاغدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان، ئاخىر دۈشمەن تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئىسسىق قېنى بىلەن كۆڭلىكىگە «ئۆلۈپ ئۇ دۇنياغا بارغاندىن كېيىنمۇ خائىنلىق قىلماي، كومپارتىيەنى تۈمەن مىڭ يىل قوغدايمەن» دېگەن ۋەسىيەتنى يېزىپ قالدۇرۇپ، تىك ياردىن سەكرەپ قۇربان بولغان.

گەرچە قاراڭغۇ كېچىدە تۇرسىمۇ، كومپارتىيەنىڭ كۆپچىلىكنى يورۇقلۇققا يېتەكلەپ ماڭالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

دەل سانسىزلىغان كىشىنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەنلىكى ھەم چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئۇزۇن سەپەر مۇقەررەركى بىر قېتىملىق يول ئىزدەش سەپىرى بولغان. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسى توغرا يول ۋە توغرا نەزەرىيەنى تاپقاندىن كېيىنكى تارىخىي مۇقەررەرلىك. ھالبۇكى، بۇنداق ئىزدىنىشتە، جاۋاب ئەزەلدىن ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، غايەت زور قۇربان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان كۈرەشچىلەرگە خاس قىياپەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىپ، مەنبەنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى جاڭ شياۋپىڭ زامان - ماكاننى ھالقىپ ئۆتۈپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن سەپەر ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ سەپەر. ئۇزۇن سەپەر ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ، بۇ يولغا يېتەكلەيدىغان توغرا نەزەرىيەنى تېپىپ، قەدەممۇ قەدەم پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان مىللىي تۈۋرۈككە ئايلاندى».

سەپەرگە ئاتلىنىش، نېمىگە تايانغان؟

يۈدۇ دەرياسى ساھىلى، كېچىك بۇرۇنقىدەكلا تۇراتتى.

85 يىل ئىلگىرىكى كەچ كۈزدە، قىزىل ئارمىيەنىڭ قوماندان - جەڭچىلىرى توپلىنىپ، سەككىز ئاساسلىق كېچىككە بۆلۈنۈپ سەپەرگە ئاتلانغان.

ئالدى تەرەپتە ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە دەھشەتلىك ئۇرۇش بار ئىدى، ئېھتىمال ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئازراق قورقۇش ۋە قىيىنچىلىقتىن قورقۇش بولغان بولۇشى، ئېھتىمال ئۇلار ئۆيىدىكى بېقىشقا تەلمۈرۈۋاتقان كىچىك بالىسى ۋە ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىنى ئەسلىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

ئەينى يىللاردىكى قىزىل ئارمىيە زادى نېمىگە تايىنىپ قەتئىي سالماقلىق بىلەن سەپەرگە ئاتلانغان؟

بۇنىڭ جاۋابى ئېھتىمال خۇاۋۇ تەبىئىي كەنتىدىكى 17 تۈپ يېشىل قارىغاينىڭ يىل ھالقىسىدا بولۇشى مۇمكىن.

رۇيجىننىڭ يېپىڭ يېزىسىدىكى خۇاۋۇ، 85 يىل ئىلگىرىكى بىر كېچە، خوتۇنى يەڭگىش ئالدىدا تۇراتتى، ئېرى، 26 ياشلىق قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى خۇا چىنسەي توپلىنىپ يولغا چىقىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ كەنتتىكى باشقا 16 نەپەر خۇا فامىلىلىك ئاكا - ئۇكا قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى بىلەن بىللە تاغ باغرىغا كېلىپ 17 تۈپ قارىغاي تىككەن ھەم ئائىلىسىدىكىلەرگە «قارىغاينى كۆرسەڭلار بىزنى كۆرگەندەك بولىسىلەر»، ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن قايتا دىدارلىشايلى، دېگەن. لېكىن، خۇا فامىلىلىك بۇ 17 پەرزەنتنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن سەپەردە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

ئەقىدە جاسارەتنى پەلەككە يەتكۈزىدۇ، ئېتىقاد كىشىگە ھايات - ماماتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

«قانچىلىك ئېغىر خەۋپ - خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈشتىن قەتئىينەزەر، چوقۇم گېنېراتورنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يۈدۈپ بېرىش كېرەك، بۇ بۇرچ!» مۇشۇنداق ئەقىدە بولغاچقا يۈدۇلۇق قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن دۇەن جيۇچاڭ، شيې باۋجىن قاتارلىقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەينى چاغدىكى بىردىنبىر 68 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان گېنېراتورىنى مۈرىدىن مۈرىگە يۈدۈپ، قولمۇقول كۆتۈرۈپ ئۇزۇن سەپەر قىلىپ، يەنئەنگە يېتىپ بارغان.

«ئەگەر مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد بولمىسا، ئۇزۇن سەپەردە ھەرگىز بىر قەدەممۇ ماڭغىلى بولمايتتى!» چوڭ ھەجىملىك ھۆججەتلىك ئەدەبىي ئەسەر «ئۇزۇن سەپەر»نىڭ ئاپتورى، ھەربىي يازغۇچى ۋاڭ شۇزېڭ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن سەپەر ماھىيەتتە بىر ئېتىقاد يولى، ئۇزۇن سەپەردە غەلىبە قىلىشتا تايىنىلغىنى ئېتىقاد».

مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ 85 يىلدىن كېيىن، پات ئارىدا قويۇلىدىغان ئۇرۇش تېمىسىدىكى «بازى» ناملىق فىلىم دىققەت قوزغىدى، بۇ كىنو سوۋېت رايونىدىكى بىر ھەقىقىي ھېكايىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن:

1934- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، «قىزىل جۇڭخۇا» گېزىتىگە «باتۇرلۇق بىلەن قىزىل ئارمىيەگە قەتئىي قاتنىشىش» دېگەن خەۋەر بېسىلدى: «شياشياۋ رايونى چىباۋ يېزىسى ئۈچىنچى كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسى بار، ئۇلار جەمئىي سەككىز ئاكا - ئۇكا... ھەممىسى قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.» بۇ خەۋەر رۇيجىندىكى شاجوۋبانىڭ شياشياۋ رايونىدىكى ياڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ يېزىلغان. دېھقان ياڭ رۇڭشيەن «قىزىل ئارمىيەنى كېڭەيتىش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەككىز ئوغلىنىڭ ھەممىسىنى قىزىل ئارمىيەگە قاتناشتۇرغان ھەم ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەن. ھالبۇكى، بۇ دادا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بالىلىرىنى قايتا كۆرەلمىگەن.

ئەينى يىللاردىكى سوۋېت رايونىدا، قوشۇننى كېڭەيتكەندە، خەلق ئاممىسى ئاكتىپلىق بىلەن ئارمىيەگە ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان؛ ياردەم بېرىشكە توغرا كەلگەندە، خەلق ئاممىسى ئىقتىسادچىللىق بىلەن قىزىل ئارمىيەگە ھەربىي لازىمەتلىكلەر ھەم تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلغان؛ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، خەلق ئاممىسى بارلىق ئاماللار بىلەن قىزىل ئارمىيەدىكى يارىلانغانلار، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزغان ۋە قوغدىغان...

قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى، رۇيجىن شەھىرىنىڭ ۋۇياڭ بازىرى ۋۇياڭ كەنتىدىكى چيۇ دى 20 نەچچە ئايالنى تەشكىللەپ، كېچە - كۈندۈز ئىشلەپ 1700 نەچچە جۈپ چىغ چورۇق توقۇپ چىققان. نۇرغۇن ئايال توختىماي چىگە ئارغامچا ئەشكەنلىكتىن، ئالقانلىرى قاپىرىپ قاناپ كەتكەن.

«قىزىل ئارمىيەنىڭ قەتئىي سالماقلىق بىلەن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنالىشىدا يەنە ئاممىنىڭ قوللىشىغا، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتىگە تايىنىلغان.» رۇيجىن شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە تارىخى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ چيەنخۇا مۇنداق بىلدۈردى: دەل مىليونلىغان ئاممىنىڭ بەس - بەستە ئارمىيەگە قاتنىشىشى ۋە خالىس ياردەم بېرىشىگە تايانغاچقىلا قىزىل ئارمىيە تەرەققىي قىلىپ زورايغان، ئۇزۇن سەپەرمۇ ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن.

سەپەرگە ئاتلىنىش، نېمىنى كۆزلىگەن؟

خەلققە تايىنىش، ھەممە يەنە خەلق ئۈچۈن.

قۇدۇق، شىلدىرلاپ سۇ چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئاددىي «ئىنقىلاب قۇدۇقى»، جياڭشىنىڭ يۈدۇ ناھىيەسى دۇەنۋۇ يېزىسى تۇڭلوۋەن كەنتىدە قىش ئۆتۈپ باھار كېلىپ 85 يىل ئۆتتى. 1934- يىلى 10- ئايدا، قىزىل ئارمىيە قىسقا ۋاقىت توختىغان بىر نەچچە كۈندە، پۇقرالارغا بۇ قۇدۇقنى قېزىپ بېرىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەرگەن.

ئەمەلىيەتتە، تۇڭلوۋەن كەنتىدىكى «ئىنقىلاب قۇدۇقى» يېنىدىلا ئەمەس، رۇيجىننىڭ شاجوۋبادىكى داڭلىق «قىزىل قۇدۇق» يېنىدا، جەنۇبىي جياڭشىدىكى سۇ ئىچىش قولايسىز نۇرغۇن تاغلىق كەنتتە، پۇقرالار «قىزىل ئارمىيە قۇدۇقى» يېنىدا قىزىل ئارمىيەنى تونۇغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاشۇ ئەسلىي مەقسىتىنى چۈشەنگەن.

بۇنىڭ بىلەن، 85 يىل ئىلگىرى قىزىل ئارمىيەنىڭ ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي سەپەرگە ئاتلىنىشتا «زادى نېمىنى كۆزلىگەن»لىكىنىڭ جاۋابىمۇ تېپىلدى.

«قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىنىڭ بىر مۇھىم چىقىش نۇقتىسى دەل خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ئىنقىلابىي غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قۇربان بېرىشتىن قورقمىغان، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىغان» دېدى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى شى جۇڭچۈەن.

ۋاقىتنى سەل ئالدىغىراق سۈرسەك، بۇنىڭ جاۋابى ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇن 80 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر ھۆججەتتە يېزىلغان − 1931- يىلى 11- ئايدىكى 1- نومۇرلۇق «جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئېلانى»دا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «ئۇنىڭ ئاساسى سوۋېت رايونى ۋە سوۋېت رايونىدىن باشقا رايونلاردىكى كۈرمىڭلىغان ئېزىلگۈچى، ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنغۇچى ئىشچى - دېھقانلار، ئەسكەرلەر، زىيالىيلار، كەمبەغەللەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ھىمايىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان».

سوۋېت رايونى خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەنۇبىي جياڭشى قىزىل ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى.

«كومپارتىيە ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ھەرقانداق ئىشتا بىزنى ئويلايدىكەن.» 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، شىڭگو ناھىيەسى چاڭگاڭ يېزىسىدىكى يېزا ئايالى ليۇ چاڭشيۇنىڭ بۇ قەلب سۆزى ماۋ زېدۇڭنىڭ 2- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىشچى - دېھقان ئەسكەرلەر قۇرۇلتىيىدا چىقارغان خۇلاسىسىدە تىلغا ئېلىنغان.

ليۇ چاڭشيۇنىڭ ئېرى قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ كېتىپ قالغان، چوڭ ئوغلىمۇ قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ كېتىپ قالغان، ئائىلىسىدە يەيدىغان ئاشلىق يېتىشمەي قالغاندا، يېزىلىق سوۋېت ھۆكۈمىتى 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇڭلۆ ناھىيەسىدىن گۈرۈچ سېتىۋېلىپ كېلىپ قۇتقۇزغان، يېزىلىق سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلىرى ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن، پۈتۈن يېزا بويىچە تۆت لېنىن باشلانغۇچ مەكتىپى، توققۇز كەچلىك كۇرس ئاچقان، يەنە كۇلۇب قۇرغان.

مۇشۇ يەردىن باشلاپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەسلىي مەقسىتى سوۋېت رايونى ئاساسىي قانۇن پىروگراممىسىغا يېزىلغان. 1931- يىلى 11- ئايدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن پىروگراممىسى»نىڭ 12- ماددىسىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشچى - دېھقانلار جاپاكەش ئاممىسىنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك «لېنىن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تەشكىلىي پىروگراممىسى» «ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، خەت تونۇتۇش نىزامى» قاتارلىق قائىدە - نىزامدىن ئون نەچچىسى تۈزۈلگەن.

ئېدىگار سىنونىڭ «غەربكە سەپەر خاتىرىسى»دە مۇنداق يېزىلغان: «بىزنىڭ ئۈلگىلىك ناھىيەمىز شىڭگودا 300دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتىپىمىز، تەخمىنەن 800دەك ئوقۇتقۇچىمىز بار... بىز شىڭگودىن چېكىنىپ چىققاندا، ساۋاتسىزلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %20ىدىنمۇ تۆۋەنلىگەن.» ئەينى چاغدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىدا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %60كە يەتكەن، ئەمما ئوخشاش مەزگىلدىكى گومىنداڭ ئىشغالىيىتىدىكى رايوندا %20كىمۇ يەتمىگەن.

ئازاب - ئوقۇبەت ۋە قۇربان بېرىش، تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، شۇنداقلا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش يۆنىلىشى.

85 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ قېتىملىق سەپەرگە ئاتلىنىشنى ئەسلىگەندە، بىز شۇنى بىردىنلا بايقىدۇقكى، ئۇزۇن سەپەر بىزنىڭ گېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن، 85 يىللىق ۋاقىت تېخى يوقاپ كەتكىنى يوق، يىراققا سەپەر قىلغانلار ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتكىنى يوق. ئۇ ئۇرغۇۋاتقان، ئۆركەشلەۋاتقان، قەتئىيلىشىۋاتقان ئەسلىي مەقسەتنى بىر مىللەتنىڭ كۈرەش قىلىش داستانىغا مۇجەسسەملىدى، ئۇنىڭ كۈچى بارلىق تارىخ تۇمانلىرى ۋە رېئاللىقتىكى گاڭگىراشلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىزنى ھېچنېمىدىن قورقماي قايتا - قايتا يېڭى يىراققا سەپەرگە ئاتلىنىشقا باشلىغۇسى، بىرمۇبىر غەلىبە قىرغىقىغا يەتكۈزگۈسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 6- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ