تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى تەڭشىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى تەڭشىگەن، بۇ ئەسلىدىكى 5032 يۈەندىن 5392 يۈەنگە تەڭشىلىپ، بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى شۇ كىشىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە بېكىتىلىدىكەن. 2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا شەھەر - بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ۋە شەھەر - بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ۋەزىنلىك ھېسابلىغان تولۇق ئۆلچەملىك شەھەر - بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 64 مىڭ 705 يۈەن (ئايدا 5392 يۈەن) بولغان. شۇڭا، 2019- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلگەن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى 5392 يۈەن بولغان.

  ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مائاش قانچە يۇقىرى بولسا، ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. لېكىن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى بىلەن بىللە يەنە يۇقىرى - تۆۋەن چەك بەلگىلىنىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشنىڭ %60 (يەنى 3235 يۈەن)ىدىن تۆۋەن بولغانلىرىدا 3235 يۈەن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سان قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشنىڭ %300 (16 مىڭ 176 يۈەن)ىدىن يۇقىرى بولغانلىرىدا، 16 مىڭ 176 يۈەن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سان قىلىنىدۇ.

  يەككە سودا - سانائەتچىلەر ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، ئاپتونوم رايوننىڭ تولۇق ئۆلچەملىك شەھەر - بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60ىدىن %300ى ئارىلىقىدا مۇۋاپىق ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى بويىچە ھەق تاپشۇرۇشنى تاللىسا بولىدۇ. كىرىمى تۆۋەن خادىملار تۆۋەن تۈپ سان بويىچە ھەق تاپشۇرۇشنى تاللاپ، ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتسە بولىدۇ، كىرىمى بىرقەدەر يۇقىرى خادىملار بىرقەدەر يۇقىرى ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى تاللاپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ، بۇنىڭدا «كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش» گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

  شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملار بۇ ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى تەڭشەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، يەنىلا ئەسلىدىكى ئۆلچەم ۋە يىل بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقان تۈرلۈك ئورۇنلار سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ھەم 2019- يىلى 1- ئايدىن 5- ئايغىچە بولغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ