تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

يېشىل تەرەققىيات يۆگىمە رەسىمىنى سىزىش

شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى:

يېشىل تەرەققىيات يۆگىمە رەسىمىنى سىزىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى» دېيىلدى) دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يۆگىمە رەسىمىنى جاسارەت بىلەن سىزىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كەسىپلەر توپلاشقان، ئىختىساسلىقلار يىغىلغان، تېخنىكا جۇغلانغان شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى 2000دىن ئارتۇق كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

  سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىپ ئاساسنى كۈچەيتىش

  يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش

  5- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە، شىنجاڭ شيېشىن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شيېشىن شىركىتى» دېيىلدى)نىڭ پولى كىرىستاللىق كىرېمنىينى ئوكسىدسىزلاندۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىدىغان پاكىز، چاڭ - توزانسىز زاۋۇت ئۆيىدە، مۇخبىر پولى كىرىستاللىق كىرېمنىينى ئوكسىدسىزلاندۇرىدىغان قاتار - قاتار پېچلارنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆردى، كۆرۈش ئەينىكىدىن پولى كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىنىڭ «ئۆسۈش» جەريانىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى شيې يەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شيېشىن شىركىتىنىڭ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈش، قوبۇل قىلىش، توپلاشتۇرۇپ قايتا ياساش ئاساسىدا، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا زور مىقداردا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە GCL ئۇسۇلىدا پولى كىرىستاللىق كىرېمنىينى دەرىجىدىن تاشقىرى زور كۆلەملىك پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى مۇستەقىل ئىجاد قىلىپ، پولى كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ پاكىزلىشىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى ھازىر دۆلەتنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كۆمۈر كان تۈرىدىن 21 نى پىلانلاپ قۇردى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 10 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاندىن تۆتنى قۇرۇپ چىقتى، شىنجاڭ بوغدا كۆلى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانى) ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

  5- ئاينىڭ 27- كۈنى، مۇخبىر بۇ شىركەتنىڭ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈركان رايونىدا توكلۇق ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ كان ئازگىلىدا كۆمۈرنى بىۋاسىتە كۆمۈر يەتكۈزۈش كارىدورىنىڭ يەتكۈزۈش تاسمىسىغا ئۇسۇۋاتقانلىقىنى، كۆمۈرنىڭ يېپىق ھالەتتە ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا توشۇلۇپ، يول بويى كۆمۈر ئۇۋىقىنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، مۇھىتنىڭ پاكىز ساقلانغانلىقىنى كۆردى. كان باشلىقى ۋاڭ پىڭلياڭ مۇنداق دېدى: بىر كۆمۈر توشۇش كارىدورىدا بىر كۈندە 20 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇغىلى بولىدۇ، بۇنى 40 توننىلىق ئاپتوموبىلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، 500 ئاپتوموبىلدا ئاندىن توشۇپ بولغىلى بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىقتىساد − تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى بۇلتۇر ئومۇمىي سېلىنمىسى 50 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پايدىسىز 200دىن ئارتۇق تۈرنى رەت قىلغان، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان 93 پار قازاننى چۇۋۇپ تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلاپ بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى «سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، دەۋرىيلىنىش، ئاساسنى كۈچەيتىش» تەدبىرلىرىنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يېشىل يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى.

  كېرەكسىز نەرسىنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش

  دەۋرىي پايدىلىنىشقا كۈچ سەرپ قىلىش

  ئېنېرگىيە كەسپىدە كېرەكسىز داشقال، كېرەكسىز ماتېرىياللار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. كېرەكسىز داشقال، كېرەكسىز ماتېرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن قايتا پايدىلىنىش كارخانىلارنىڭ ھۈنەر - تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم مەزمۇن.5- ئاينىڭ 28- كۈنى، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن شايۈەن يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىدە، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شىنگاڭ مۇخبىرغا ئۇۋاق كۆمۈر كۈلى، سېمونت، ھاك، گەج قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى − پار بېسىملىق گازلاشقان بېتون تاختىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كۆرسەتتى. جاۋ شىنگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ شىركەتنىڭ يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ياساش بازىسى ھەر يىلى 300 مىڭ توننىدىن ئارتۇق سانائەت كېرەكسىز داشقىلى، كېرەكسىز ماتېرىيالىنى سەرپ قىلىدۇ.ئوخشاشلا، كۆمۈر ئېلېكتىر، مېتاللورگىيە كارخانىلىرى چىقارغان ئاليومىن كۈلى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى چىقارغان كالتسىي كاربىد داشقىلى قاتارلىق ئىككىلەمچى ماتېرىياللار شىنجاڭ گېنيۈەن مۇھىت ئاسراش چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «گېنيۈەن مۇھىت ئاسراش» دېيىلىدۇ) ئۈچۈن ئېيتقاندا «گۆھەر» ھېسابلىنىدۇ.

  2017- يىلى، گېنيۈەن مۇھىت ئاسراش شىركىتى 75 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىلىغا 600 مىڭ توننا كالتسىي كاربىد داشقىلىنى بىر تەرەپ قىلىپ ساپ كالتسىي ھىدروكسىد ئايرىش تۈرىنى قۇرۇپ، كالتسىي كاربىد داشقىلىدىكى زىيانلىق ئارىلاشما ماددىلارنى چىقىرىۋېتىپ، ساپ كالتسىي ھىدروكسىدنى ئايرىۋېلىپ، ئىسنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش، پاسكىنا سۇنى تۈزەشكە ئىشلىتىپ، ئەنئەنىۋى كالتسىي كاربونات تۈرىدىكى، ئۆچۈرۈلگەن ھاك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئورنىنى تولۇق ئىگىلىدى. بۇ قاتتىق تاشلاندۇقلارنى دەۋرىي بىر تەرەپ قىلىش بازىسى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان «جاھىل كېسەل»نى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  «بىز ئۇۋاق كۆمۈر كۈلى، داشقال ھەم گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈلگەن گەج قاتارلىق سانائەت كېرەكسىز داشقاللىرىنى ئىشلىتىپ، يېڭىچە تام ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى بېزىكى قاتارلىق قۇرۇلۇش يېڭى ماتېرىياللىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھازىر ھەر يىلى چىقىدىغان 2 مىليون 500 مىڭ توننا قاتتىق تاشلاندۇقنى پايدىلانغىلى بولىدىغان بايلىققا ئايلاندۇردۇق» دېدى شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋېي فېڭ مۇخبىرغا.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى كارخانىلارنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قالدۇق ئىسسىقلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، قويۇق تۇز سۈيىنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق 11 ئاچقۇچلۇق تولۇقلىما زەنجىر تۈرىنى تېزدىن قۇرۇپ، «بايلىق − كېرەكسىز ماتېرىيال − خام ماتېرىيال»دىن ئىبارەت كۆپ قېتىملىق دەۋرىي پايدىلىنىشنى تېزلەتتى.

  كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇش

       يېشىل، ياشاشقا باب كېلىدىغان يېڭى شەھەر قۇرۇش

  چۆللۈكنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى نېمە ئۈچۈن 80 مىڭدىن كۆپرەك ئادەەمنى ئولتۇراقلىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئاھالە كۆلىمى جەھەتتە بىر كىچىك ناھىيە بازىرىغا يېتىشىۋالالىدى؟ مۇخبىر شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن يېڭى شەھەرچىسىدىن جاۋاب ئىزدىدى.

  شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ ئالاھىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا قارىتا، بۇ تەرەققىيات رايونى شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن تېما تەتقىقاتىنى ئورتاق قانات يايدۇردى، شورلۇق تۇپراقنى ياخشىلاش دورىسىدا تۇپراقنى ياخشىلاپ ئورمان بىنا قىلىش تېخنىكىسى، شور ئېقىتىش سۈڭگۈچىدىن قۇملۇقنى سۇغىرىپ شورنى ئېقىتىش، ھۆل - يېغىن ياغدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق 10 مىڭ 940 مو يولنى كۆكەرتىش، 10 مىڭ مو كارخانىنى كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن يېڭى شەھەرچىسىنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا ماڭسىڭىز، يول ياقىسىدا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ، ئۇزۇن شاخلىق قارىياغاچ، جىگدە، كۈمۈش تېرەك قاتارلىق تۈرلۈك دەرەخلەر مەيىن شامالدا لىڭشىپ تۇرىدۇ؛ قىزىل ئەتىرگۈل باغچىسىدا تۆت پەسىللىك ئەتىرگۈل بەس - بەستە پورەكلەپ ئېچىلغان، كۆكەرتىلگەن ئۇزۇن كارىدور بۈك - باراقسان بولۇپ، مۇھىتى گۈزەل، ياشاشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان يېڭى شەھەرچىسى دەسلەپكى كۆلەم ھاسىل قىلغانىدى.

  2018- يىلى 3- ئايدا قۇرۇلغان شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن يەسلىسىدە ئايلىنىپ، قەلئە شەكىللىك ئىمارەتلەرنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى، بالىلارنىڭ خۇشال - خۇرام ئوينىشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئاجرىتىلغانلىقىنى كۆردۈم... كۆلىمى 4207 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ يەسلى ۋۇسەيۋەن يېڭى شەھەرچىسى ئەتراپىدىكى 360تىن ئارتۇق بالىنىڭ ھەقسىز يەسلىگە كىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. بۇ يىل، شىنجاڭ شەرق ئۈمىد رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى يۈ جۈەن بالىسىنى يەسلىگە بەردى، ئۇ خۇشال ھالدا: «يەسلى بىزنى غەمدىن خالاس قىلدى، مەن شەرقىي جۇڭغاردا تېخىمۇ خاتىرجەم خىزمەت قىلىدىغان بولدۇم» دېدى.

  بۇ يىل، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىككى شەھەر، تۆت باغچە رايونىنى كۆكەرتىش، كان رايونىنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدۇ، يېشىل شەرقىي جۇڭغار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ.بۇ ئىللىق تۇپراقتا ماڭغاندا، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشنى دائىم ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ