تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھوشىدىن كېتىش...

  كانادا ئالبېرتا داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە (بولۇپمۇ ئالدىنقى ئۈچ ئايدا) ھوشىدىن كەتكەن ئاياللاردا تېخىمۇ يۇقىرى ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  2014-2015-يىلى، تەتقىقاتچىلار كانادادىكى 480 مىڭ ھامىلىدار ئايالنى تەكشۈرگەن، ئۇلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھوشىدىن كېتىش ۋاقتى، قېتىم سانى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كۆزەتكەن. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4667 ئايالنىڭ بىر قېتىم ھوشىدىن كېتىش كەچۈرمىشى بولغان، بۇلارنىڭ %32.2ىدە ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا، %44ىدە ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، %23.6ىدە ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن، %8 ھامىلىدار ئايال بىر قېتىمدىن ئارتۇق ھوشىدىن كەتكەن. تەھلىل نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆپ قېتىم ھوشىدىن كەتكەن ئاياللارنىڭ تۇغما بىنورمال بوۋاق تۇغۇپ قويۇش نىسبىتى %4.9 بولىدىكەن، ھاملىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھوشىدىن كېتىش كەچۈرمىشى بولغانلارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش نىسبىتى %18.3 بولىدىكەن، تۇغۇپ بولۇپ بىر يىل ئىچىدە بۇ ئاياللاردا يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىقىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرى بولىدىكەن. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى «ئامېرىكا يۈرەك كېسىلى جەمئىيىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھوشىدىن كېتىش ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆپ قېتىم ھوشىدىن كېتىش بوۋاق ۋە ئانىنىڭ قىسقا مەزگىللىك ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. بۇ بايقاش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھوشىدىن كېتىپ، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ يەنىلا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى، بۇنداق ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇرلارنىڭ ئەستايىدىل كۆزىتىشى ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ