تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

كاكتۇسنى كومپيۇتېر يېنىغا قويۇپ قويسا رادىياتسىيەدىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟

 قاچانكى كاكتۇسقا «رادىياتسىيەدىن ساقلاش» قالپىقى كىيگۈزۈلگەندىن تارتىپ، دائىم كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلار كومپيۇتېرىنىڭ يېنىغا بىر تەشتەك كاكتۇس قويۇۋالىدىغان بولدى، ئەمما كاكتۇس راستىنلا رادىياتسىيەدىن ساقلىيالامدۇ؟

  كاكتۇس قۇياش نۇرى يېتەرلىك قۇملۇقتا ئۆسىدۇ، قۇياش نۇرى بىر خىل «رادىياتسىيە ئېنېرگىيەسى» ھاسىل قىلىدۇ، كاكتۇس رادىياتسىيەدىن ساقلىنىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق رادىياتسىيەنى سۈمۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈمۈرۈش ئىقتىدارى باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭكىدىن يۇقىرى، ئەمما ئۇنىڭ سۈمۈرىدىغىنى ئېلېكتىرو ماگنىتلىق رادىياتسىيە ئەمەس. ئالىقانسىمان كاكتۇسلا ئەمەس، نۆۋەتتە ئىنسانلار باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رادىياتسىيەنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنى رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلاش ئۈنۈمى بار ئىكەنلىكىنى تېخى بايقىمىدى.

  ئالىقانسىمان كاكتۇس رادىياتسىيەدىن ساقلىيالمىسا، ئۇنى كومپيۇتېر ئۈستىلىگە قويۇپ قويسا يەنە قانداق رولى بار؟

  بىرىنچى، كاكتۇس يېشىل ئۆسۈملۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە. فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق ئۆي ئىچىدىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.

  ئىككىنچى، شەكلى ھەر خىل ئالىقانسىمان كاكتۇس، چىلگىسىمان كاكتۇسلارنىڭ شەكلى ئالاھىدە، تاشقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق. ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېرغا تىكىلىپ قاراپ تۇرسا ئاسانلا كۆرۈش سېزىمى چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دىققەت-نەزەرىنى ئۆسۈملۈكلەرگە يۆتكىگەندە، كۆزنىڭ ھارغىنلىقىنى پەسەيتىپ، ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ.

  يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندە، تېرىمىزدە مەسىلە كۆرۈلۈپلا قالماي، كۆرۈش قۇۋۋىتىمىزگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇنداقتا بىز رادىياتسىيەدىن قانداق ساقلىنىشىمىز كېرەك؟

  ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ھەر 2-3 سائەتتە بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، كومپيۇتېردىن يىراق تۇرۇپ، كۆزىمىزنى قىسقا ئارام ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  يۈزنى ياخشى ئاسراش كېرەك. خىزمەت ئۈستىلى، كومپيۇتېر يېنىدا دائىم تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، مەسىلەن، نەملىك ساقلاش پۈركىمىسى، يۈز تازىلاش چاپلىقى، ئايرىش مەلھىمى قاتارلىقلارنى قويۇپ قويۇپ، خىزمەت ئارىلىقىدا يۈزىڭىزنى يۇيۇپ، نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى سۈركەپ بەرسىڭىز، تېرىڭىنى ياخشىلاپ، روھىڭىزنى كۆتۈرىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، قېتىقنى كۆپرەك ئىچىش، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B بار بولۇپ، رادىياتسىيەنىڭ زىيىنىغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالايدۇ ھەمدە كومپيۇتېر رادىياتسىيەسىدىن پەيدا بولغان تېرە خۇنۈك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوڭشايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ