تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دىيابېت كېسىلىنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ

  دىيابېت كېسىلى يۈرەك كېسىلىنىڭ بىر چوڭ خەۋپلىك ئامىلى، يېقىندا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاپپارات بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، ئايال دىيابېت بىمارلىرىنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئەرلەرنىڭكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى، قوزغىلىش ۋاقتىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن بالدۇر بولۇپلا قالماي، تۇنجى قېتىم قوزغالغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  ئامېرىكا كولورادو داشۆسى ۋە تېكساس داشۆسىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئاياللارنىڭ دىيابېت كېسەللىكىدىن تېخىمۇ «قورقۇش»ىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇلار بۇ كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن زىيىنىنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدى. 1. فىزىئولوگىيىلىك پەرق. ئەر بىمارلار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان نۇرغۇن ئايال ئەمەلىيەتتە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بولغان ياكى ئۇلاردا قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى، قورساق قىسمى سېمىزلىك ۋە قان تومۇر ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل يۈرەك كېسىلى خەۋپ-خەتەر ئامىلى مەۋجۇت بولغان بولىدىكەن. تۇنجى قېتىم دىيابېت كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندا، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ياغ كۆرسەتكۈچى ئادەتتە ئەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن، پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغ كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. 2. داۋالاشتىكى پەرق. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت كېسىلى دىياگنوزى قويۇلغاندىن كېيىنكى بىر يىلدا، ئايال بىمارلارنىڭ خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئېھتىماللىقى ئەرلەرنىڭكىدىن %10 تۆۋەن بولىدىكەن، باشقا يۈرەك ئاسراش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ %7 تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئايال بىمارلارنىڭ قان شېكىرى، قان بېسىمى، خولېستېرىن، تاماكا ۋە ھاراقنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى ئومۇمىي ئۈنۈمى ئەرلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچى، دوكتور رېگنستېنېر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئايال دىيابېت بىمارلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەر بىمارلار قارىغاندا تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ