تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ) 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىكى 28 ياشلىق يىگىت تۇنىق تۇرغانبېكنىڭ ئىككى قولى بىلەن بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن بالىنى تۇتۇۋالغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتى: ئالى بابانىڭ «كۈندە ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىش» باھالاش پائالىيىتىدە، تۇنىق شەرەپ بىلەن 1-دەرىجىگە ئېرىشىپ، 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
5-ئاينىڭ 24-كۈنى، تورىمىز «ئۇزۇنغا سوزۇلغان 2 سېكونت: غۇلجىدىكى ئوغۇل بالا 5-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن» دېگەن ماۋزۇدا، تۇنىقنىڭ 5-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن 2 ياشلىق ئوغۇل بالىنى ئىككى قولى بىلەن تۇتۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە دىققىتىنى قوزغاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار بەس-بەستە بۇ شىنجاڭلىق يىگىتكە ئالقىش ياڭراتتى.
2 سېكونتتا، بىر ئاجىز ھاياتلىق كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە سۇنۇلغان بىر جۈپ قولنىڭ ياردىمىدە ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلدى. قولىنى سۇنۇپ بالىنى تۇتۇۋالغان تۇنىق سوقۇلۇش زەربىسىدىن ھوشىدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن: «مېنىڭمۇ بالام بار» دېدى. تەبىئىي قىلىنغان مېھرىبانلىق ھەرىكىتى بىر ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياخشى ئىشنى كۆپ قىلىشقا ئۈندەيدىغان كۈچ ئاتا قىلدى.
ئاددىي كىشىلەرنىڭ مېھرىبانلىق ھەرىكىتى يەر-زېمىننى تەسىرلەندۈردى، ئەينى ۋاقىتتىكى جىددىي ئەھۋالدا، بىر جۈپ قولنى سۇنۇپ ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىش تەبىئىي ئىنكاس، ئۇمۇ ئەگەر ئورنىدا باشقىلار بولغان بولسىمۇ ئوخشاش تاللاش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بالىنىڭ بىر ئائىلە ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بالىنى تۇتۇۋالغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال.
«ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ماڭا ئاممىنىڭ ئەتراپىدا ئەزەلدىن ئاكتىپ ئېنېرگىيە كەم ئەمەسلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئارا ئۆزئارا ياردەم قىلىشى، زىچ ئىتتىپاقلىشى كېرەكلىكىنى تونۇتتى» دېدى تۇنىق.
ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، تۇنىقنىڭ خوتۇنى ۋۇلار ئابدىمىت ئېرىنىڭ ھەرىكىتىدىن پەخىرلەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ بەك ئىچىم ئاغرىدى، بىراق ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىر دادىنىڭ تۇغما ئىنكاسى، ئۇ مېنىڭ ۋە بالامنىڭ قەلبىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان.»