يازدا بۇرۇلتوقاينى ساياھەت قىلىپ، بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك توغراقلىقنى كۆرۈش
مۇھەررىر :
买合吐玛
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/06/12 13:39
شىنجاڭ بۇرۇلتوقاينىڭ تومۇز كۈنلىرىدە، ئۇلۇڭگۇر كۆلى بويىدىكى توغراقلار بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى.
«مىڭ يىلغىچە قۇرۇمايدۇ، قۇرۇسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ»، شىنجاڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئۆسكەن توغراقلار دەل مۇشۇنداق.
توغراقنىڭ يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا تەخمىنەن 65 مىليون يىل بولدى، «كېيىنكى خەننامە»، «شۈيجىڭجۇ»دا توغراق توغرىسىدا خاتىرىلەر بار، بۇ قەدىمىي دەرەخ تۈرى قۇرغاقچىلىققا، شورلىشىشقا، قۇم-بورانغا چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە.
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ توغراقلىقنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، توغراقلىق جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يۇرت- ماكاننى قوغداپ، شۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر :
مىھرىگۈل ناسىر
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.