تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما شاۋبىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لو جىيۇڭ، يۈ مىڭجياڭ): ھازىر، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىدىكى 53 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ئۈستىقۇددۇس گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، جايلاردىكى گۈل تاماشا قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزى.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 22دە، 2019 ئىلى . خەلقئارا ساياھەت جىلغىسى قورغاس 8-نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس خەلقئارا ساياھەت بايرىمى قورغاس ناھىيەسى لۇسۇگۇڭ بازىرى «جيېيوۋ گوڭجۇ» ئۈستىقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانىدا باشلاندى.
قورغاس ناھىيەسى لۇسۇگۇڭ بازىرى سىگۇڭ كەنتى ئۈستىقۇددۇس بىلەن يىراق-يېقىنغا داڭلىق، بۇ كەنتتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئۈستىقۇددۇسقا تايىنىپ يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان پۇقراۋى قونالغۇ كۈتۈۋېلىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇردى.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ قورغاس ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە، 22 تۈرلۈك مول مەزمۇنلۇق، سەرخىل كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە ساياھىتى ئاساسىي تېما پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ پائالىيەتلەر قورغاسنىڭ خۇش پۇراق مەدەنىيىتى، قەدىمىي شەھەر مەدەنىيىتى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە سۆسۈن رەڭلىك رومانتىك ساياھەتنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.
بىر ساياھەتچى ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزىدا رەڭلىك يىپەك شارپىنى يەلپۈتمەكتە.
بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈستىقۇددۇس ئاساسىي تېما قىلىنغان ساياھەتچىلىك ئۈزلۈكسىز جانلىنىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىلدى، قورغاس ناھىيەسى ئىسمى جىسمىغا لايىق «جۇڭگو ئۈستىقۇددۇس ماكانى» بولۇپ قالدى.