ئەزىز ئاشخانىسى ئالدىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېيىشكە چاقىرماقتا. (ئىختىيارى مۇخبىر لياڭ خاۋجې فوتوسى)
(مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر چىن شۆرۇ خەۋىرى) : 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىققان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىمىرجان ئالىم ئۇدۇل شۇ ناھىيەدىكى پاكدىيار رېستۇرانىغا قاراپ ماڭدى، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ چۈشلۈك تاماق يېمەكچى ئىدى. بۇ 3 كۈندە، ئۇ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار بۇ يەردە ھەقسىز چۈشلۈك تاماققا ئېغىز تېگەلەيتتى.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مېھرىبان زاتلار بۇ ناھىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا مېھرىبانلىق يەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پاكدىيار رېستۇرانىنىڭ مەسئۇلى ئەزىز جېلىلمۇ بار ئىدى. بۇ يىل 30 ياشتىن ئاشقان ئەزىز بۇ ناھىيەنىڭ توغراق يېزىسى لەڭگەر كەنتى ئاھالىسى. 2018-يىلىنىڭ بېشىدا، ئەزىز ناھىيە بازىرىدا پاكدىيار رېستۇرانى قاتارلىق 3 ئاشخانىنى كۆتۈرە ئالدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن، ئۇ بۇ ئۈچ ئاشخانىغا ۋىۋىسكا ئېسىپ «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاپ قالدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۆڭۈلدىكىدەك بېرىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئاستى، ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان مېھىرلىك چۈشلۈك تاماقنىڭ تۈرى مول بولۇپ، يۈرۈشلۈك مىفەن، پولۇ، كاۋاپ، لەغمەن، سومەن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.
بۇلتۇر، ئەزىز يەنە ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 30 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. بۇ يىل، ئۇ يەنە 50 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلماقچى. «مېنىڭ سودا قىلىپ پۇل تېپىشىم موھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈندۈر» دېدى ئەزىز.