تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئەزىز جېلىل: مېھىرلىك ھەقسىز تاماق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي ئىختىيارى مۇخبىرىمىز چىن شۆرۇ خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىققان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىمىرجان ئالىم ئۇدۇل شۇ ناھىيەدىكى پاكدىيار رىستۇرانىغا قاراپ ماڭدى، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ چۈشلۈك تاماق يېمەكچى ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىلىدىغان بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئەتراپتىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى پاكدىيار رېستۇرانىدا بىر ۋاقلىق ھەقسىز چۈشلۈك تاماققا ئېغىز تېگەلەيتتى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر ساھە مېھىرىبان زاتلار ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇ ناھىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە پاكدىيار رېستۇرانىنىڭ مەسئۇلى ئەزىز جېلىلمۇ بار ئىدى.

  بۇ يىل 30 ياشتىن ئاشقان ئەزىز بۇ ناھىيەنىڭ توغراق يېزىسى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. 2015-يىلدىن باشلاپ، ئۇ ۋە كەنتتىكى چىلان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى بار كەنت ئاھالىسى مەسلىھەتلىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن تىنچلىق باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، تىنچلىق تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە تىنچلىق چىلان ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان 4 يىل ئىچىدە، ئەزالار دەسلەپتىكى 9دىن ھازىرقى 77گە كۆپەيدى، بۇلارنىڭ 61ى نامرات ئاھالە بولۇپ، ئېلىنغان پايدا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  2018-يىل بېشىدا، ئەزىز ناھىيە بازىرىدا پاكدىيار رېستۇرانى، ئاقساراي تېز تاماقخانىسى قاتارلىق 3 تاماقخانىنى كۆتۈرە ئالدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن، ئۇ بۇ ئۈچ ئاشخانىغا ۋىۋىسكا ئېسىپ «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاپ قالدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۆڭۈلدىكىدەك بېرىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن خەتلەرنى يېزىلغان لوزۇنكا ئاستى.

  «تېز كىرىڭلا، نېمە يىگۈڭلار بار تارتىنماي دەڭلار ....» ئىمىرجان ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاشخانا ئالدىدا تۇرغان ئەزىز ۋە مۇلازىمەتچىلەر قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارنى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.

   مېھىرلىك چۈشلۈك تاماق ھەقسىز بولسىمۇ، ناھايىتى مول بولۇپ،  يۈرۈشلۈك مىفەن، پولۇ، كاۋاپ، لەغمەن، سومەن قاتارلىق تاماقلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تامىقىنى ھەقسىز يېيەلەيتتى.

  ئەزىز نېمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارنى مېھىرلىك ھەقسىز چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ بۇ تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ كۈلۈپ قويدى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ دادىسى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئائىلىدىن دادىسىنىڭ خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقىيالمىدى، بۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپ قالدى.

  «مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، قۇربىمنىڭ يېتىشىچە، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنى ھەقسىز، مەززىلىك تاماق بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلدىم.» دېدى ئەزىز.

   مېھىرلىك ھەقسىز چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، ئەزىز بۇلتۇر يەنە ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىغا 30 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم قىلدى. بۇ يىل، ئەزىز 50 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، مۇشۇ تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى كەلگەندىن كېيىن، ياردەمگە موھتاج نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ